دومىنكالىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) دومىنكالىقلار <دومىنكانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دومىنكالىقلار دومىنكا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئاھالىسىنىڭ 1.95 پىرسەنتى دومىنكا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 5 مىليون 825 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.94 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاز قىسمى ئامېرىكا، گايتى، ۋېنسۇئېلادا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 940 مىڭ.
دومىنكالىقلار ئارىلاشما قانلىقلار ئىرقىغا كىرىدۇ. ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
دومىنكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
دومىنكالىقلارنىڭ 50 پىرسەنتى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچلىقتا شېكەر قۇمۇچى، تاماكا، قەھۋە، بانان، شال ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
(2) دومىنكا جۇمھۇرىيىتى ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 7 مىليون 340 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىندىئان، ياۋروپالىقلار، نېگىرلار ئارىلاشما قان ئىرقىدىكىلەر، 10 پىرسەنتىنى نېگىرلار، 15 پىرسەنتىنى ئاقتەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاقتەنلىكلەر شەھەرلەرگە، ئارىلاشما قانلىقلار يېزىلارغا جايلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
(3) دومىنىكا فېدېراتسىيىسى ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى تەخمىنەن 90 مىڭ. ئۇنىڭ 80 پىرسەنتىنى نېگىرلار ۋە نېگىرلار بىلەن ئاقتەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار، قالغىنىنى ئىندىئانلار بىلەن ئاقتەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ.
ئىنگىلىز ۋە فرانسۇز تىللىرىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى ئاساسەن يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
دومىنكالىقلار ئادەتتە ئۇچىسىغا ياۋروپا پاسونىدىكى كىيىم كېيىپ، بېشىغا كەڭ قاسقانلىق چىغ قالپاق كېيىۋالىدۇ. دېھقانلىرى بېلىگە پىچاق ئېسىۋالىدۇ. ئاساسەن گۈرۈچ، پۇرچاق، كۆممىقوناق، بانان ئىستېمال قىلىدۇ.
دومىنكالىقلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئاساسەن كاتولىك دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
دومىنكىنىڭ شىمالىي رايونىدا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى ئىچىدە ئوقيا ئېتىپ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش ئادىتى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، بۇ ئادەت بويىچە قىز توي مەرىكىسى كۈنى بېشىغا دەرەخ يوپۇرمىقى ۋە چىۋىقلىرىدىن توقۇلغان بىر چەمبىرەكنى كېيىدۇ. يېگىت قىزدىن 80 مېتىر يىراق ئارىلىقتا تۇرۇپ، قولىدىكى ئوقيا بىلەن قىزنىڭ بېشىدىكى چەمبىرەكنى قارىغا ئالىدۇ، ناۋادا ئوق چەمبىرەكنى ئۈزۈۋەتسە ياكى يەرگە چۈشۈرۈۋەتسە يىگىت غەلبە قىلىپ، توي مەرىكىسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.
دومىنكالىقلارنىڭ ئەنئەنىۋ ھېيت - بايراملىرىدىن كارىب سەنئەت بايرىمى، تەنتەنە بايرىمى بىلەن روژدېستۋو بايرىمى بار بولۇپ، بۇ كۈنلىرى ئوقيا ئېتىشىش، ۋېلسىپىت، ئات بەيگىسى، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە ناخشا - ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. دومىنكالىقلار تۇتى (شاتۇتى) قۇشىنى ئەقىل - پارەسەتنىڭ سىمۋولى <مۇقەددەس قۇش> دەپ بەكمۇ ئىززەتلەيدۇ.
دومىنكالىقلارنىڭ پەرھىزلىرى ئىسپانلار بىلەن مىكسىكىلىقلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.