UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگوندىلار

گوندىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر گوندىلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ مەركىزىي شىتاتى، ئۇرمىسا، ماخاراشتىرا، ئاندخارا، بىخار قاتارلىق شىتاتلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليوندىن كۆپرەك. گوندىلار قەدىمكى دراۋېدلارنىڭ بىر تارمىقى ھەم ھىندى بۇراكۇمىنلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مارىيالار، دورلار قاتارلىق قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.گوندىلار نېگرو - ئاۋسىترالىيە ئىرقىنىڭ ۋېدا تىپىغا كىرىدۇ؛ دراۋېد تىللىرى سىستېمىسى گوند تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇندى تلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىلىدۇ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىكى مىللەت تىللىرىنىمۇ بىلىدۇ، گوندىلارنىڭ مىللىي يېزىقى يوق. گوندىلار ھىندى دىنى بىلەن ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىلاھقا چوقۇنىدۇ. گوندىلارد ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە يىغمىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گوندىلارددا ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش ئىلاھقا چۇقۇنىدىغان ئۇرۇقلار ئىچىدە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، يىگىت - قىزلىرى كوللېكتىپ ھالدا چوڭ - چوڭ ئۆيلەرگە جەم بولۇپ، بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆي - ئوچاقلىق بولۇش، جىنسىي مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىشلارغا دائىر تەربىيە بېرىلىدۇ. گوندىلاردا ئەپقىچىپ نىكاھلىنىش، ئەركىن جورا تاللاپ نىكاھلىنىش ۋە يىگىت قىز تەرەپكە ئىشلەپ بېرىپ نىكاھلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل نىكاھ شەكلى ئەۋج ئالغان، بۇنىڭدىن باشقا نەۋرىلەرنى نەۋرىلەرگە چاتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. گوندى قىزلىرى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ياكى ياتلىق بولغانغا قەدەر، بەدىنىگە ئاسمان جىسملىرى، كىرىست ۋە باشقا ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرنى سىزىۋالىدۇ.گوندىلارنىڭ ھۆل - يېغىن بايرىمى، پانۇس بايرىمى، كىرىشنانىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى خاتىرلەش بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار. گوندىلارنىڭ مېيت ئۇزۇتۇش ئادىتى ئۆزگىچە. گوندىلار كىشى قازا تاپسا دۇمباق چېلىپ قۇلۇم - قوشنىلىرىنى يىغىدۇ. كىشلەر يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، مېيتنى دەريا بويىغا ئاپىرىدۇ، مەرھۇم ناۋادا مۇھىم ئەرباب بولسا ئۇنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، دەپنە قىلىشتىن ئاۋۋال دەريا بويىدىن پاكىز بىر جاينى تېپىپ، مەلۇم ئارلىق قالدۇرۇپ، ئۈچ يۇپۇرماقنى قويۇپ قويىدۇ، تۆت كىشى مېيتنى كۆتۈرۈپ، ھەر بىر يۇپۇرماققا كەلگەندە توختاپ ماڭىدۇ، ئاندىن مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. گوندىلاردا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارد قازا تاپسا مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، قىزلار قازا تاپسا مېيتنى يىراق جايغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
گوندىلار | UyghurWiki | UyghurWiki