لۇرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
لۇرلار ئىراندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبى لۇرىستان بىلەن پارس ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز قىسمى ئىراقتا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 810 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4.3 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
لۇرلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى، ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە لۇر تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق، پارس تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ.
لۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى تاش، دەل - دەرەخ، بۇلاق قاتارلىقلارغا چوقۇنىدۇ.
ئاھالىلىرى ئەسلىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ھازىر كۆپىنچىسى ئولتۇراق دېھقانچىلىق قىلىشقا يۈزلەندى، ئاز بىر قىسمى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نېفىتلىكتە ئىشلەيدۇ.
لۇرلار قەدىمكى ئىلام دۆلىتىنىڭ ئاھالىسى بىلەن كېيىن جەنۇبىي ئىرانغا سىرتتىن كۆچۈپ كىرگەن پارس قەبىلىلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلىشىدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
لۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - ئايەم قاتارلىق جەھەتتىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى پارسلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
لۇرلارنى زاگروس تاغ تىزمىسى ئىككى تارماققا يەنى <پىشكۇخ لۇرلىرى>(تاغنىڭ ئالدى قاپتىلىدا ياشىغۇچى لۇرلار مەنىسىدە) ۋە <پىشتكۇخ لۇرلىرى> (تاغنىڭ كەينىدىكى لۇرلار مەنىسىدە) ئايرىپ تۇرىدۇ، ھەربىر تارمىقى نەچچە قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر بىر قەبىلە - قوۋمنىڭ تۇرمۇش شەكلى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. چارۋىچى قەبىلە - قوۋملىرى سۈتتىن ياسىغان يېمەكلىكلەرنى، دېھقانلىرى بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان قاتۇرماچ ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، چارۋىچى قەبىلە - قوۋملىرى ئاساسەن كىگىز ئۆيدە، دېھقانلىرى ياغاچ - كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.
لۇرلاردا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول كېلىدۇ.