UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتۈبۈتلەر

تۈبۈتلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر تۈبۈتلەر <بودلار>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈبۈتلەر ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشىغۇچى قەدىمكى قەبىلە - قوۋملارنىڭ ئومۇمىي نامى، جۈملىدىن Ⅶ ـ Ⅸ ئەسىرلەردە چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە مەۋجۇت بولغان يەرلىك ھاكىمىيەت نامى. تۈبۈتلەر خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تۈبۈت (زاڭزۇ) تىلىنى قوللانغان. تۈبۈتلەر چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تۈبۈتلەر ھازىرقى زاڭزۇ مىللىتىنىڭ ئەجدادى بولۇپ، ئەسلى گەنسۇ، چىڭخەي ئەتراپىدىن جەنۇبقا كۆچكەن غەربىي چياڭلار (تاڭغۇتلار) نىڭ بىر تارمىقى بولغان فاچاڭ، يارلۇڭ، سۇمبا، شاڭشۇن قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلىشىىدىن شەكىللەنگەن، ھازىرقى زاڭزۇلارمۇ ئاساسەن يەرلىك يارلۇڭ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ چياڭلار بىلەن قوشۇلۇشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. تۈبۈتلەر Ⅵ ئەسىردە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن تەرەققىي قىلىپ قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت قۇرغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ بېشىدا تۈبۈتلەرنىڭ باشلىقى لاڭرېلۇنزېن تەسىر دائىرىسىنى لىخاسا دەرياسى ۋادىسىغا كېڭەيتكەن، لاڭرېلۇنزېننىڭ ئوغلى سۇڭزېنگانبۇ ھازىرقى شىزاڭنىڭ شىمالىي ۋە چىڭخەينىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى سۇۋېي (قەدىمكى چياڭلارنىڭ بىر قىسمى)، ياڭتۇڭ قاتارلىق قەبىلىلىرىنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇپ، پايتەختنى لىخاساغا يۆتكەپ، تۈبۈت خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە قۇدرەت تېپىپ، زېمىنىنى غەربىي يۇرتتىكى تۆت شەھەر قەلئە - ئۇدۇن، سۇلې، پىشامشان، چۇرچان ۋە باشقا ئايماقلارغا كېڭەيتكەن، غەربىي يۇرتتىكى ئەسلى تاڭ سۇلالىسىگە قاراشلىق 20 نەچچە بەگلىك تۈبۈتلەرگە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تۈبۈتلەرگە قارشى ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلىپ، تۈبۈتلەردىن غەربىي يۇرتتىكى بىر قىسىم جايلارنى قايتۇرۋالغان. 838 - يىلغا كەلگەندە ئىچكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن تۈبۈت خانلىقى بۆلۈنۈپ كەتكەن، 866 - يىلى تۈبۈتلەر غەربىي يۇرتتىن چېكىنىپ چىققان. بۇ خانلىققا جەمئىي توققۇز ئەۋلاد خان ئىككى ئەسىردەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تۈبۈتلەر ئاشۇ مەزگىلدە بۇددىزمنى قوبۇل قىلغان، يېزىق ئىجاد قىلىنغان، قانۇن - تۈزۈملەر تۈزۈپ چىقىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى راۋاجلانغان. شۇ دەۋردىن قالغان ئابىدىلەر، <تۈبۈتلەر ھەققىدىكى تارشا پۈتۈكلەر>، قول يازما - ۋەسىقىلەر، بۇددا نوملىرى، تۈبۈتلەرنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ <دۇخان (دۇنخۇاڭ) دىكى قەدىمكى تۈبۈت يېزىقىدا پۈتۈلگەن تارىخىي قول يازمىلار> تۈبۈتلەر تارىخىغا ئائىت مۇھىم ھۈججەت بولۇپ، جەمئىي 500 جىلد كېلىدۇ. بۇ ھازىر پارىز ۋە لوندون كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر