لىۋانلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
لىۋانلىقلار لىۋاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بەزىدە <لىۋان ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 2 مىليون 450 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، مىسىر، كوتېدىۋا (40 - 50 مىڭ)، سېنېگال (30 مىڭ)، نېگىرىيە (20 مىڭ)، سېررالېئون (10 مىڭ)، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئاۋىسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ تەخمىنەن 500 مىڭدىن كۆپرەك لىۋانلىق بار. لىۋانلىقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 340 مىڭ، لىۋانلىقلارنىڭ 80 پىرسەنتى شەھەر - بازارلارغا ئولتۇراقلاشقان.
لىۋانلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ لىۋان دىئالېكتى بىلەن ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىنگىلىز، فرانسۇز تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
لىۋانلىقلارنىڭ 60 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق ئۇلار باشقا مۇسۇلمانلاردەك ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرمەيدۇ، ئۇلاردا مەخسۇس مەسچىت بولمايدۇ. روزا تۇتمايدۇ. ھەجمۇ قىلمايدۇ. لىۋانلىقلارنىڭ 40 پىرسەنتى كاتولىك دىنىنىڭ مالون مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
لىۋانلىقلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە سودا - سېتىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا بۇغداي، لىمون، زەيتۇن قاتارلىق مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات ئۆستۈرىلىدۇ، لىۋانلىقلار غەربىي ئاسىيادىكى چەتكە مېۋە - چېۋە ئېكىسپورت قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
لىۋانلىقلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىرغاقلىرىدا ياشىغان فىنكىيىلىكلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خورتلار، مىسىرلىقلار، پېرىسىيىلىكلەر، گرېكلار، رىملىقلار، ئەرەبلەر، ئوسمان تۈركلىرى تاجاۋۇزى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.
لىۋانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە دىنىي ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ. مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، ئاشۇرا بايرىمى (ھىجرىيە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق بايراملىرىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ؛ كاتولىك دىنىدىكىلەر يېڭى يىل، ھەزرىتى مالون بايرىمى (9 - فېۋرال ئۆتكۈزىلىدۇ)، روژدىستۋو قاتارلىق بايراملىرىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.
لىۋانلىقلارنىڭ ئۆزگىچە توي - تۆكۈن ئادەتلىرى بار. لىۋانلىقلاردا يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىلىرى قىز تەرەپكە قىز سوراپ بارغاندا، ئالدى بىلەن قىزنىڭ قولىغا چۆگۈن تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا سۇ توشقۇزۇشقا سالىدۇ. قىز يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قارىتىپ، ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن چۆگۈنگە سۇ تولدۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قۇدا چۈشۈش تەلىپىنى قويىدۇ. ياراتمىسا كېتىپ قالىدۇ.
لىۋانلىقلار كېدىر دەرىخىنى قۇدرەتلىك ھاياتى كۈچ ۋە قەيسەر مىللىي روھنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ بەكمۇ ئەتىۋارلايدۇ.