UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرۋاللونلار

ۋاللونلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ۋاللونلار بېلگىيىدە ياشىغۇچى ئىككى ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى (يەنە بىرى فلاماندلار) بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 10.95 پىرسەنتى بىريۇسسېل ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 200 مىڭ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 70.40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە، ئامېرىكا، كانادا، زايىر قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ 200 مىڭدىن كۆپرەك ۋاللون بار. ۋاللونلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالىپ تىپى تەركىبى قوشۇلغان ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق دېڭىزى تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە فرانسۇز تىلىنىڭ ۋاللون دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ۋاللونلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋاللونلارنىڭ 95 پىرسەنتى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتى مېتاللورگىيە، ماشىنسازلىق، خىمىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ؛ بىر قىسمى دېھقانچلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ تېرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا كالا بىلەن چوشقا بېقىلىدۇ. ۋاللونلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە ئېتنىك تەركىبى فرانسۇزلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ۋاللونلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى ئىچىدە ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ۋاللون مەدەنىيەت بايرىمى ۋاللونلارنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈنى خىلمۇ - خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ۋاللونلار بېلگىيىدە ئىگىلىكى ۋە ئىلىم - پەن مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ تىبابەتچىلىكى تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋاللونلار خورازنى ئۆزىنىڭ مىللەت سىمۋولى قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ. ۋاللونلار قائىدە - يوسۇنلۇق ھەم مېھماندوست كېلىدۇ. ئۇلار ئەزىز مېھمانلىرىنى ئادەتتە سوغۇق سەي، كالا گۆشى، قۇش گۆشى، بېلىق قاتارلىق قورۇلمىلار، سالات ۋە باشقا تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن كۈتىۋالىدۇ، ئىچىملىكلەرگە ئۈزۈم ھارىقى، قەھۋە تەييارلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر