UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئاچېلار

ئاچېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئاچىلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 6.99 پىرسەنتى سوماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 510 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 4.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئاچىلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندۇنېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاچې تىلىنى قوللىنىدۇ، ھىندونېزىيە تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ئاچېلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى ھېلىمۇ ئانىمىزم ۋە پېرىخونلارغا ئىشىنىش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. ئاچېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ سودا - سېتىق ئىشلىرىغا ماھىر كېلىدۇ، دېھقانچىلىقتا كاۋچۇك، پالما، قارامۇچ، تالالىق ئاگاۋا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. ئاچېلار باتاقلار، مالايلىقلار، ياۋالىقلار ۋە نىياسېلار قاتارلىق قوۋملارنىڭ پەيدىنپەي قوشۇلۇشى ھەمدە ھىندىلار بىلەن ئەرەبلەرنىڭ بىر قىسىم ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا مىللەت بولۇپ شەكىللەرنگەن.ئاچىلار مېيتنى دەپنە قىلىش، توي - تۆكۈن ئىشلىرىنى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىدۇ. ئاچېلار پاترىئارخاللىق ۋە ماترىئارخاللىقتىن ئىبارەت قوش جەمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئۇلاردا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يوقىرى بولۇپ، ئىچ كۈيئوغۇل بولۇش ياكى يىگىت ئوغۇلچىلاپ كىرىش نىكاھ تۈزۈمى ئەۋج ئالغان. ئاچېلار ئادەتتە قارا رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلىرى سىرتقا چىققاندا بېلىگە خەنجەر ئېسىۋالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر