UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرخەنزۇلار

خەنزۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر خەنزۇلار تارىختا<خۇاشيالار>،<چىنلار>،<تاڭلار>،<خەنلەر> قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار شەرقىي ئاسىيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق مىللەت. خەنزۇلارنىڭ 3.97 پىرسەنتى جۇڭگۇغا، يەنى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنى، چاڭجياڭ، جۇجياڭ دەرياسى ۋەدىلىرى ۋە سۇڭ - لىياۋ تۈزلەڭلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايون شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليارد 42 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 3.93 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ھىندونېزىيە (5 مىليون)، تايلاند (6 مىليون 580 مىڭ)، مالايسىيا (6 مىليون 160 مىڭ) سىنگاپور (20 مىليون 360 مىڭ)، ۋېيتنام، فىلىپپىن (760 مىڭ) قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى ئاساس قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىي 50 مىليوندىن كۆپرەك خەنزۇ مۇھاجىر تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار <جۇڭگو مۇھاجىرلىرى> ياكى <جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەنزۇلار موڭغۇل ئىرقىغا كىرىدۇ؛ خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە خەنزۇ تىلىنىڭ يەتتە خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار، خەنزۇ يېزىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، 6 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ خەت سانى 40 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىدۇ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان خەتمۇ 8 مىڭدىن ئاشىدۇ.خەنزۇلار تارىختا ئانىمىزم ، داجياۋ (تۇيىن)، زوروئاستىر (زەردۇشت)، مانى، خرىستىئان، كاتولىك قاتارلىق كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا پۈتۈن مىللەتكە ئورتاق بولغان بىرلىككە كەلگەن دىنىي ئېتىقاد شەكىللەنمىگەن. خەنزۇلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خەنزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ياشىغان قەدىمكى قەبىلە - قوۋملارغا مۇناسىۋەتلىك. خەنزۇلار غەربىي خەن دەۋرىدە خۇاشىيالارنى ئاساس قىلغان ھالدا مەنلەر (ھازىرقى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋادىلىرىدا ياشىغان قەبىلە - قوۋم)، يىللار (ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشىغانلىقتىن شەرقىي يىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، دىلار (ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان قەبىلە - قوۋملار)، رۇڭلار (ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغاچقا غەربىي رۇڭلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. خەنزۇلار مەملىكىتىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيىتى ئەڭ بالدۇر تەرەققىي قىلغان، مول يازما مەدەنىي يادىكارلىققا ئىگە مىللەتنىڭ بىرى. ئۇلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا مول ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىپ، ئىنسانلار مەدەنىيەت غەزىنسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خەنزۇلارنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسىگە دائىر نەشىر قىلىنغان يازما يادىكارلىقلىرى 1033 توم، 13 مىڭ 29 جىلد، شەرقىي خەن سۇلالىسىگە دائىر نەشىر قىلىنغان يازما يادىكارلىقلىرى 1100 توم، 2900 جىلد، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىگە دائىر نەشىر قىلىنغان يازما يادىكارلىقلىرى 1122 توم، 4562 جىلد، جىلد، جىن سۇلالىسى دەۋرىگە دائىر نەشىر قىلىنغان يازما يادىكارلىقلىرى 2438 توم، قىلىنغان يازما يادىكارلىقلىرى 7094 توم، 50 مىڭ 855 جىلد، سۈي، 10 مىڭ 36 توم، 173 مىڭ 324 جىلد ئىكەن، دۇنياغا مەشھۇر <24 تارىخنامە> - خەنزۇلار بېسىپ ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ شاھىدى ۋە خاتىرىسىدۇر. دۇنياغا مەشھۇر تۆت چوڭ كەشپىيات - قەغەزچىلىك، مەتبەچىلىك، كومپاس، پارتلاچقۇچ دورا ۋە شەرقنىڭ تۆت چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان سەددىچىن سېپىلى قاتارلىقلارمۇ خەنزۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان زور تۆھپىسىدۇر.خەنزۇلار بىر قانچا مىڭ يىللاردىن بۇيان، كۆپلىگەن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرلار، مەرىپەتپەرۋەرلەر، ئالىملار، كەشپىياتچىلار، سىياسىيئونلار، ئەدىب - شائىرلار ، سەنئەتكارلار، تارىخچىلار، ھەربىي مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئاجايىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن - چۈي يۈەن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 340 - 277 - يىللار)، لى بەي (704 - 762)، دۇفۇ (712 - 770)، بەي جۈييى (772 - 846)، لۇگۈنجۇڭ (1330 - 1400)، ۋۇچېڭئېن (1500 - 1582)، پۇسۇڭلىڭ (1640 - 1715)، لۇشۈن (1881 - 1936) قاتارلىق شائىر، ئەدىبلەر، سەيلۇن (75 - 121)، جاڭ خېڭ (78 - 139)، خۇاتۇ(145 - 208)، زۇچۇڭجى (429 - 500)، بى شىڭ (؟ - 1051)، شېن كو (1031 - 1095)، گوشۇجىڭ (1231 - 1316)، لى شىجېن (1518 - 1593) قاتارلىق ئالىم ۋە كەشپىياتچىلار بار، بۇنىڭدىن باشقا ئەمىنىيە، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە ئۆتكەن كۇڭزى، لاۋزى ۋەكىللىدىكى پەيلاسوپلارمۇ بار. خەنزۇلار تارىخىدا يەنە مەدەنىيەت پىرى - كۇڭزى (ئەمىنىيە دەۋرى)، تارىخ پىرى - سىماچيەن (غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرى)، ھۆسنىخەت پىرى - ۋاڭ شىزى (شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرى)، رەسىم پىرى - ۋۇداۋزى (تاڭ سۇلالىسى دەۋرى)، شىئېر پىرى - دۇفۇ (تاڭ سۇلالىسى دەۋرى)، چامباشچىلىق پىرى - گۈەنيۈي (شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرى)، چايچىلىق پىرى - لۇيۈي (تاڭ سۇلالىسى دەۋرى)، ھاراق پىرى - دۇكاڭ (شيا سۇلالىسى دەۋرى)،تىبابەت پىرى - جاڭ جۇڭيىڭ (شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرى) قاتارلىق ئون پىر ئۆتكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق جۇڭگۇ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. خەنزۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ھېيت - ئايەم، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتتە، ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. خەنزۇلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىق ۋە مەھەللىۋى بايراملىرى 400 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى - يېڭى يىل بايرىمى (چاغان ياكى باھار بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، چوكانتال بايرىمى، بۇد يۇيۇش بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، ماھارەت تىلەش بايرىمى، قەمەرىيە 15 - ئىيول بايرىمى (<ئۈلۈمبا سەيلىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ). تاۋۇز چاغىنى، ئېگىزگە چىقىش بايرىمى، قىشلىق كۈن - تۈن توختاش بايرىمى، لابا كۆجىسى يېيېش بايرىمى، ئوچاق ئىلاھى بايرىمى، ھارپا كېچىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خەنزۇلار دەپنە ئىشلىرىدا بۇرۇن مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلاتتى، ھازىر شەھەرلەردە كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى ساقلايدۇ، بەزىدە جەسەت كۈلىنى ئاسماندىن يەرگە چېچىۋېتىدۇ. خەنزۇلارنىڭ تەنتەربىيە، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى: سېرىكچىلىك، شاھمات ئويناش، ئەجدەرھا كېمىسى مۇسابىقىسى، جانبازلىق، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، چېلىشىش، چامباشچىلىق، لەگلەك ئۇچۇرۇش، يەل گۇمپىسى، كۈچ سىنىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خەنزۇلار ئىچىدە يەنە سېھىرگەرلىك - پىچاق يۇتۇش، ئويۇن چىقىرىش، ئوت پۈركەش، قىلىچ ماھارىتى، قىلىچ ئالماي ئات توسۇش، خادا ئويۇنى (ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىدا سېرىك ئويناش) قاتارلىق كۆز بوياش ئويۇنلىرىمۇ بار. خەنزۇلارنىڭ ئۆزگىچە كالېندارى بار، بۇ ئادەتتە قەمەرىيە كالېندارى ياكى دېھقانلار كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇخىل كالېنداردىن ئېلىمىزدە خەنزۇلاردىن باشقا، كورىيىلىكلەر (چاۋشيەنلىكلەر)، ياپونلار، ۋېيتناملىقلارمۇ قوللىنىدۇ. خەنزۇلارنىڭ رىۋايەتتىكى ئەجدادى - خۇاشىيالار ئەجدەرھا بىلەن شىرنى ئۆزىگە تۇتېم قىلغانلىقتىن، خەنزۇلار ئەجدەرھا بىلەن شىرنى ئۇلۇغ بىلىدۇ. خەنزۇلاردا ھەر يىلى قەمەرىيە 15 - ئىيۇل كۈنى ئۆلگەن يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ كۈجە يېقىش ياكى قەغەز پۇل، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈش، چوكانتال بايرىمىدا قەبرە سۈپۈرۈش، كۆكلەم - سەيلىسى قىلىش قاتارلىق ئادىتى بار. بۇنى خەنزۇلار جۇڭيۈن بايرىمى (ئۇلومباغا سەيلىسى) دەپمۇ ئاتايدۇ. خەنزۇلار سىرتتا ئۆلگەن مېيتنى ھەرگىز ئۆي ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ، ئۆينىڭ سىرتىغا لاپاس ياساپ مېيتنى شۇ يەردە ساقلاپ ئاندىن دەپنە قىلىدۇ. خەنزۇلار غىزا ۋاقتىدا چوكا بىلەن قۇرۇق قاچىنى ئۇرۇشنى، غىزا ئۈستىگە چوكا سانچىپ بېرىشنى، ئۇزۇن - قىسقا چوكا بىلەن غىزا يېيىشنى بەك يامان كۆرىدۇ، چۈنكى بۇ خىل قىلىقنى نامراتلىقنى، شۇملۇقنى چىللىغانلىق دەپ قارايدۇ. خەنزۇلار ئادەتتە ھەپتىنىڭ تاق كۈنلىرى، بولۇپمۇ قەمەرىيە 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى توي مەرىكىسى ئۆتكۈزمەيدۇ. خەنزۇلار باش قىش كۈنى خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ، بىراق قىشلىق كۈن - تۈن توختىغان كۈنى جۇۋاۋا يېمەي قويمايدۇ. خەنزۇلار قەدىمدىن تارتىپ ئۆزگىچە رەڭ قارىشىغا ئىگە مىللەت. ئۇلار سېرىق رەڭگە ئالاھىدە چوقۇنىدۇ. خەنزۇلار ئادەتتە قارا رەڭ بىلەن ئاق رەڭنى كۆڭۈلسىزلىك، ئۆلۈم - مۇسىبەت بىلەن ئالاقىدار دەپ قاراپ يامان كۆرىدۇ. شۇڭا ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن قاتارلىق مەرىكە كۈنلىرىدە ئاق ۋە قارا رەڭلىك كىيىم -كېچەكلەرنى كېيمەيدۇ. خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى فامىلە قوللىنىدۇ، فامىلە خەنزۇلارغا نىسبەتەن بىر جەمەتنىڭ نامى بولۇپ، ئادەتتە خەنزۇچە بىر خەت ياكى ئىككى خەت بىلەن ئىپادىلىنىپ ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. خەنزۇلار كىشلەرنىڭ فامىلىسنى بىر خەتلىك فامىلىلىكلەر، كۆپ خەتلىك فامىلىلىكلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىدۇ. ئومۇمەن خەنزۇلاردا فامىلە مۇھىم بولۇپ، بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭغا يەنى فامىلىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئىسىم ئۆزگەرسىمۇ، لىكىن فامىلە ئاسانلىقچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر