كارېنلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كارېنلار بىرمىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 3.94 پىرسەنتى بىرما بىلەن تايلاند چېگرىسىدىكى كېرېن شىتاتى بىلەن تۆۋەن بىرما دېلتىسى ئەتراپىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 180 مىڭ بولۇپ، كارېنلار بىرمىدىكى ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تايلاند تەۋەسىدە 110 مىڭدىن كۆپرەك كارېن بار.
كارېنلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە كارېن تىلىنىڭ 20 خىلدىن كۆپرەك دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
كارېنلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىىچىدىن تۈزلەڭلىك ۋە تاغلىق كارېنلار دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ.
كارېنلار ئاساسەن بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى خرستىئان دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنىدۇ.
كارېنلارنىڭ تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلاشقانلىرى دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن شال، كۆممىقوناق ۋە كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، تاغلىق رايونغا ئولتۇراقلاشقان كارېنلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چوشقا، كالا ۋە پىل باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
كارېنلارنىڭ ئەجدادلىرى تەخمىنەن مىلادى Ⅶ - Ⅷ ئەسىرلەردە ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ ئېگىزلىكى ئەتراپىدىن كەلگەن، بىرما - تىبەت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىلنى قوللىنىدىغان قەبىلە - قوۋملار بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە ياشىغان شانلار، مانلار ۋە تايلار تەركىبىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
كارېنلاردا يىگىت - قىزلار ئەركىن مۇھەببەدتلىشىىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولىدۇ، ئادەتتە توي مەرىكىسى قىز تەرەدپتە ئۆتكۈزىلىدۇ، تويدىن كېيىن يىگىت تەرەپكە يۆتكەپ كېتىلىدۇ، ئاياللار ئائىلە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدۇ، كارېنلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر مۇستەھكەن بولۇپ، نىكاھتىن ئاجرىشىش، قايتا ياتلىق بولۇش (ئۆيلىنىش)، نىكاھسىز ھامىلدار بولۇش ھادىسلىرى كەم ئۇچرايدۇ، زىنا قىلىشنى بەك يامان كۆرىدۇ.
كارېنلارنىڭ مېيىتنى ئۇزىتىش ئادىتى ئۆزگىچە بولىدۇ. كىشلەر قازا تاپقاندا، ئەر ئاياللارنىڭ ھەممىسى سەپ تارتىپ، مېيتنى ئايلىنىپ، تاڭ ئاتقىچە مەرسىيە ئوقۇپ، ئۇسسۇل ئويناپ چىقىدۇ، چۈنكى كارېنلار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، روھى جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن نەغمە - ناۋاغا مۇھتاج بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كىشى قازا قىلىشى بىلەنلا نەغمە - ناۋا ۋە ناخشىغا ماھىر كىشلەرنى چاقىرىپ كېلىدۇ. كارېنلار مېيىتنىڭ ئۇستىخفنلىرىنى بىر يەرگە ۋاقىتلىق قويۇپ تۇرۇپ، يېڭى يىل كۈنى ھەممىسىنى يىغىپ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، بەزى جايلىرىدا يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ. كارېنلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ. بۇ بايراملار ئىچىدە يېڭى يىل بايرىمى بىلەن داراگون گۈلخان بايرىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.
كارېنلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە پەرھىزلىرى كۆپ بولىدۇ، كارېنلار ئاياغ كىيىمى بىلەن ئۆيگە كىرمەيدۇ، ئۆي ئىچىدە يىغا - زارە قىلمايدۇ ۋە جېدەل - ماجرا چىقارمايدۇ، تاپتىن چىققان ياكى نىكاھىسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان يىگىت، قىزلارنى ئۆيگە يوللاتمايدۇ، شۇڭا، يىگىت قىزلىرى ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋال كەم ئۇچرايدۇ، ئۆي ئىچىگە ھاراق ئېلىپ كىرمەيدۇ، ھەمدە مەسلەرنى ئۆيىگە كىرگۈزمەيدۇ.