UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرپېرۇلىقلار

پېرۇلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) پېرۇلىقلار پېرۇدا ياشىغۇچى ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 23 مىليون بولۇپ، ئۇنىڭ 47 پىرسەنتى ئىندىئانلار، 36 پىرسەنتىنى ئىندىئان - ياۋروپالىقلار نەسلىدىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار، 19 پىرسەنتىنى ئاقتەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 60 پىرسەنتى تاغلىق رايونلاردا، 27 پىرسەنتى دېڭىز بويلىرىدا، 13 پىرسەنتى ئورمانچىلىق رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 47 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. پېرۇ ئىندىئانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك. پېرۇلىقلارنىڭ ئىرقى تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئامېرىكا تارمىقىغا تەۋە ئىندىئانلار، ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە ئاقتەنلىكلەر ۋە نېگىرلار قاتارلىق بار. پېرۇلىقلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقى بىلەن ئىندىئان تىللىرى سىستېمىسى كېچيا ۋە ئايمارا تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىندىئان تىللىرىنى قوللىنىدۇ. پېرۇلىقلار ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىندىئانلار كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدۇ. پېرۇلىقلارنىڭ 45 پىرسەنتى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقوناق، قومۇچ، شېكەر قۇمۇچى، كېۋەز، قەھۋە، شال قاتالىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. (2) پېرۇلار پېرۇدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز بويلىرى بىلەن ھەر قايسى شەھەرلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 12 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. پېرۇلار ئارىلاشما ئىرق تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. پېرۇلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئانىمىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پېرۇلىقلارنىڭ كۆپىنچسى ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائىتىدە قېزىلمىچىلىق، توقۇمىچىلىق، شېكەر، نېفىت، بېلىق مەھسۇلاتىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساس قىلىنىدۇ. پېرۇلىقلار توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى كاتولىك دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىدۇ، بىراق پېرۇدا ئوغۇل 11 ياشتا، قىز 9 - 10 ياشلاردا بالاغەتكە يېتىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا يىگىت - قىزلارنىڭ تويى بۇرۇنراق بولىدۇ. پېرۇلىقلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرى - يېڭى يىل، ترۇئېللو باھار بايرىمى، تەنتەنە ۋە قۇياش ئىلاھى بايرىمىدىن ئىبارەت. قوياش ئىلاھى بايرىمى ئاساسەن پېرۇدا ياشىغۇچى ئىنكا ئىندىئانلىرىنىڭ ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كۇسكۇدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پېرۇلىقلار ئېگىزلىك كېمىسى دەپ ئاتىلىدىغان قارا يالىلىق بوز ئاتنى مىللەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتەپپەرەسنى دۆلەت گۈلى، خىنىن دەرىخىنى <ھاياتلىق دەرىخى> دەپ قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ. پېرۇلىقلار ئوچۇق چىراي، مۇلايىم، چىقىشقاق ھەم ئەدەب - قائىدىلىك كېلىدۇ. ئەرلەر بىر - بىرىنى <ئەپەندى> ئاياللارنى <خانىم>، ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەرنى <بايۋەچچى>، قىزلارنى <خېنىم> دەپ چاقىرىدۇ. پېرۇلىقلار ئاياللارنى ئاسىرىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىش ئەنئەنىسىگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر