داياكلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
داياكلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ. ئاساسەن ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە بىرۇنى قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار ھىندونېزىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 6.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
داياكلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە داياك تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق. داياكلار بۇرۇن ئۇزاق ۋاقىت ئەنگىلىيىنىڭ تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
داياكلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئانىمىزم ۋە كۆپ ئىلاھقا، پېرىخونغا چوقۇنىدۇ؛ بىر قىسمى ئىسلام دىنى ياكى خرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
داياكلار دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا ئاساسەن شال بىلەن كاۋچۇك ئۆستۈرىدۇ.
داياكلارنىڭ ئەسلىدە تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، كېيىن مالاي كۆچمەنلىرىنىڭ سىقىپ چىقىرىشى تۈپەيلىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە تاغلىق جايلارغا چېكىنىپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، شۇڭا ئۇلار ئادەتتە <قۇرۇقلۇق داياكلىرى> ۋە <دېڭىز بويى داياكلىرى> دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. داياكلار ڭادجۇلار، كالىمانتانلار، پۇنانلار، پورۇسۇلار، ئىبانلار، كايانلار، مۇرۇتلار، مېلاناۋلار ۋە باخاۋلار قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
داياكلارنىڭ توي - تۆكۈن، تۇرمۇش قۇرۇش ئادەتلىرى بىردەك بولمايدۇ، داياكلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان شەرقىي كالىمانتان ئەتراپىدا ياشىغۇچى پۇنانلاردا، يىگىت بىلەن قىزلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشى ۋە نىكاھدىن ئاجرىشىشى تامامەن ئۆز ئىلكىدە بولىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق توي رەسمىيىتى ۋە توي مەكىسىمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ.
داياكلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى - پورۇسۇلاردا يىگىت - قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن ئېتىباتەن، ئەركىن مۇھەببەتلىشىدۇ ھەمدە ئۆز ئارا چۈشىنىش يۈزىسىدىن ئۈچ كېچە بىرگە بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، يىگىت - قىزلارنىڭ تۇرمۇش ئىشىغا ئاتا - ئانىلىرى ئارىلاشمايدۇ.
ئومۇمەن داياك قىزلىرىدا كۆكسىنى ئېچىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياتلىق بولمىغان قىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئادىتى بار.
بىر قىسىم داياكلارنىڭ توي مەرىكىسى دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى دەپ ئىككى قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ.
ھەر قايسى ئەللەردە ياشىغۇچى داياكلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىردەك بولمايدۇ، مەسىلەن: مالايسىيا داياكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كاتتا بايرىمى <گاۋا> بايرىمى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ داياكلارنىڭ ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان يېڭى يىل بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايرام بىر ھەپتە داۋام قىلىدۇ، چۈنكى بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە يېڭى يىلغا ئۇلاپلا، مول ھۇسۇل بايرىمى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىمۇ ئۆتكۈزىلىدۇ.
داياكلار مېيىتنى ساندۇققا سېلىپ ئورمانزارلىق ئىچىگە يەرلىك قېزىپ دەپنە قىلىدۇ.
داياكلاردا مېيتنى دەپنە قىلىشتىن ئاۋۋال ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك ئۆكۈز ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى خامتىراچ قىلىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇخىل مۇراسىم بەزىدە بىر ھەپتە ھەتتا ئون نەچچە كۈن داۋام قىلىدۇ.