UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەريىزۇلار

يىزۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر يىزۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئولتۇراقلاشقان رايونى ۋە دىئالېكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئۇلار ئۆزىنى <نوسۇ>، <ناسۇپۇ>، <رۇرۇ>، <مىسا>، <سانى> ۋە <ئاشى> قاتارلىق 30 نەچچە خىل نام بىلەن ئاتىغان، ئازادلىقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىزۇلار داپ ئاتالدى، يىزۇلار ئاساسەن يۈننەن (3 مىليون)، سىچۈەن (1 مىليون)، گۇيجۇ ئۆلكىلىرى ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 6 مىليون 572 مىڭ. يىزۇلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسى يىزۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە يىزۇ تىلىنىڭ ئالتە خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، يۈننەن، گۇيجۇدىكى يىزۇلار خەنزۇ تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ. يىزۇلار تارىختا كۆپ ئىلاھلىق دىنلار بىلەن بۇددىزم، تويىن (داجياۋ دىنى) دىنىغا ئېتىقاد قىلغانىدى، جاھانگىرلىكنىڭ يىزۇ رايونىغا سىڭىپ كىرشى بىلەن 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى كاتولىك ۋە خرىستىئان دىنىمۇ يىزۇلار رايونىغا تارقالغان بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يىزۇلار يولۋاسىنى ئۆزىگە تۇتېم قىلىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كۆپرەك ئۇلارنىڭ باش كىيىم - بىزەكلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ، يولۋاس بايرىمىدا يولۋاسچە ياسىنىپ ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. يىزۇلار دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، قوشۇمچە كەسىپتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا ئاساسەن شال، قارا بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ ۋە باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئات ۋە چوشقا بېقىلىدۇ. يىزۇلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. يىزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا چياڭلارنىڭ جەنۇبقا كۆچكەن قەبىلە - قوۋملىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشىغان ۋۇمەن (قارامەرچىلەر) قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. يىزۇلارنىڭ تۇرار جايلىرى ئەتراپىدىكى خەنزۇلارغا ئوخشايدۇ، لياڭشەندىكىلەرنىڭ تۇرار قەۋەتلىك بولىدۇ، ئۆيلىرى قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن كېلىدۇ. يىزۇلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى قويۇق مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، يىزۇ ئاياللىرى كۆپ پۈرمىلىك ئۇزۇن يوپكا ۋ كەشتىلەنگەن كوپتا كېيىدۇ، ياش ئاياللىرى بېشىغا ياغلىق ئارتىپ ئۆرۈم چاچلىرى بىلەن يۆگىۋالىدۇ، مىدالىئون ئاسىدۇ، بىلەيزۈك، ئۈزۈك، زىرە سالىدۇ، يىزۇ ئاياللىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاياللىرىدىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم بەلگىسى شۇكى ئۇلار بېشىغا خوراز تاجىسىمان قالپاق كېيىۋالىدۇ، ھەمدە ئۇنى بەخت - تەلەيلىك بولۇشنىڭ سىمۋولى ھېسابلايدۇ، ئەرلىرى قارا رەڭلىك، تار يەڭ، ئوڭ پەشلىك، كەشتىلەنگەن كەمزۇل، ئۇزۇن ئىشتان كېيىدۇ، <زىتې> دەپ ئاتىلىدىغان ئورام ياغلىق چېگىۋالىدۇ، سىرتقا چىققاندا ئەر - ئايال ھەممىسى ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك <سارۋا> دەپ ئاتىلىدىغان، پىلاشقا ئوخشايدىغان يېپىنچىنى يېپىنچاقلىۋالىدۇ، ئۇنى ئۇخلىغاندا يېپىنچە قىلسىمۇ بولىدۇ، يىزۇلار ئادەتتە قارا رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ، سېرىس چېچىكى ۋە ئوتقىمۇ چوقۇنىدۇ. يىزۇلار توي مەرىكىسى ھەيۋەتلىك ھەم قىزغىن بولىدۇ. ئاساسەن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق ئائىلە نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يىزۇلار مېيتنى يەرگە كۆمۈپ ياكى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، بىراق مۇتلەق كۆپ قىسمى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ. يىزۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا يىمەك - ئىچمەك، كېيىم - كېچەك، ھېيت - بايرام، پەرھىز تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن، يىزۇلارنىڭ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى كۆپ بولۇپ 90 نەچچىگە يېتىدۇ، ئاساسلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمىدىن مەشئەل بايرىمى بىلەن يىزۇ چاغىنى، سېرس چېچىكى بايرىمى (قەمەرىيە 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىقلار بار. يىزۇلاردا تارىختا يازما ئەدەبىيات شەكىللەنمىگەچكە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى گەۋدىلىك ھالدا تەرەققىي تاپقان، يىزۇلارنىڭ مىللىي ئېپوسى ۋە داستانلىرىدىن - <ئاشىقلار قوشىقى>، <لئېتېي>، <مېيگى>، <گېمىي>، <ئاسىما>، <ئانىنىڭ قىزى> ۋە <ئامى نېرو(كېلىنچەكنىڭ ئاھۇ - زارى)> قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يىزۇلارنىڭ <ئالەم ۋە مەرىپەت ھەققىدە بايان> ناملىق 28 بابلىق پەلسەپىگە دائىر يازما يادىكارلىقى، <لېبۇتېي> يازما ھۆججەتلىرى بار، بۇلار ھازىر رۇسچە، ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە باشقا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. يىزۇلارنىڭ پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ، يىزۇلار چاقماق چاققان كۈنلىرى ئىشقا چىقمايدۇ، ئوچاقتىن ئاتلاپ ئۆتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىشنى، ئەيىپنى ئېچىشنى، بولۇپمۇ فىزىئولوگىيىلىك ئاجىزلىقنى ئېيتىپ باشقىلارنىڭ يېغىرىغا تېگىشنى يامان كۆرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھەر يىلى مول ھوسۇلدىن كېيىن، يېڭىلىق سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئىتقا ئالاھىدە بىر ۋاخ يېڭى گۈرۈچتىن غىزا تەييارلاپ بېرىپ ئاندىن ئۆزلىرى يەيدۇ، يىزۇلار ئىت گۆشىنى يېمەيدۇ، ئادەتتە ئوغۇل بالىلارنىڭ كۇكۇلىسىنى تۇتۇشنى، باش قىسمىنى سىلاشنى بەك ئېغىر ئالىدۇ. لياڭشەن يىزۇلىرى توي - تۆكۈن كۈنى يۇرت ئاقساقاللىرى بىلەن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن باشقا كىشلەرنىڭ توي ئىگىسىگە سوۋغا - سالام بېرىشىنى يامان كۆرىدۇ، بۇنى ئۆزىگە تەڭ كۆرمىگەنلىك دەپ قارايدۇ. يىزۇلارنىڭ ئۆزگىچە كالېندارى بار، يىزۇ يىلنامىسى بويىچە بىر يىل 10 ئاي، بىر ئاي 36 كۈن ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا يىزۇ چاغىنىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىمۇ مۇقىم بولمايدۇ، ئادەتتە 10 - ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر قۇتلۇق كۈننى تاللاپ ئۆتكۈزىدۇ، بىراق يىزۇلار كېيىن خەنزۇلارنىڭ قەمەرىيە كالېندارىنى قوبۇل قىلىپ، بىر يىلنى 12 ئايغا ئايرىپ ھەر بىر يىلغا 12 ھايۋاننىڭ نامىنى قويۇپ، 12 مۆچەلنى قوللىنىشقا ئادەتلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر