UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربولىۋىيىلىكلەر

بولىۋىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) بولىۋىيىلىكلەر <بولىۋىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بولىۋىيىلىكلەر بولىۋىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەردىن بىرى. ئاھالىسىنىڭ 93 پىرسەنتى بولىۋىيىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 580 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 2.42 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 150 مىڭ بولىۋىيىلىك ئارگېنتىنادا ئولتۇراقلاشقان. بولىۋىيىلىكلەر شالغۇت (ئارىلاشما قان) ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقى ۋە ئىندىئان تىللىرىنى قوللىنىدۇ، يېزىقى بار. بولىۋىيىلىكلەرنىڭ 95 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بولىۋىيىلىكلەر ئاساسەن كانچىلىق ۋە دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچلىقىدا كۆممىقوناق، ياڭيۇ، بۇغداي، ئارپا، شال، كاكائو، شېكەر قومۇچى، كېۋەز، قەھۋە قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا ئات، قوي قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. (2) بولىۋىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون 730 مىڭ. مىللىي ئىرقى تەركىبىي جەھەتتە كېچيالار بىلەن ئايمارالار قاتارلىق ئىندىئانلار 54 پىرسەنتىنى، ئارىلامشا قانلىقلار (مېتىسلار) 31 پىرسەنتىنى، ئاقتەنلىكلەر 15 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بولىۋىيىلىكلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، بىناكارلىق قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىگە قەدىمكى ئىنكا مەدەنىيىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان. بولىۋىيىلىكلەر توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، كىيىم - كېچەك، ھېيت - بايرام، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتتە ئىسپانلار ۋە كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. بولىۋىيىلىكلەر شوخ، تېتىك، ناخشا - ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن كېلىدۇ. ھېيت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى زور كۆلەملىك تانسا ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ، ئات بەيگىسى، پۇتبۇل قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ خېلىلا ئومۇملاشقان. بولىۋىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى تەنتەنە بايرىمى بولۇپ، بۇ بايرام ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى باشلىنىپ نەچچە كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بولىۋىيىلىكلەرنىڭ يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. بولىۋىيىلىكلەر ئومۇمەن كىشلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلارنى سوراشنى يامان كۆرىدۇ. بولىۋىيىلىكلەر ئاپتاپپەرەس گۈلىنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، ئۇنى مىللەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. بولىۋىيىلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىي تاپمىغان بولۇپ، ساۋاتسىزلار پۈتۈن نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر