UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئالجىرلار

ئالجىرلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئالجىرلار ئالجىرىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <ئالجىر - ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىليون 790 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6.82 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە، تۇنىس ۋە مەراكەش قاتارلىق ئەللەردىمۇ 50 مىڭدىن كۆپرەك ئالجىر بار. ئالجىرلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ ئالجىر دىئالېكتى بىلەن سۆزلىشىدۇ، بۇ تىل ئالجىرىيىدە دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئالجىرلارنىڭ شەھەرلىكلىرى ۋە زىيالىيلىرى فرانسۇزچىنى بىلىدۇ. ئالجىرلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ دىن ئالجىرىيىدە دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. ئالجىرلارنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تۈزلەڭلىكىدە ئولتۇراقلاشقانلىرى دېھقانچىلىق، چۆل - جەزىرىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، خورما، ئۈزۈم ۋە زەيتۇن قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا تۆگە ۋە قوي بېقىلىدۇ. ئالجىرلار ئەرەبلەر بىلەن بەربەر ۋە باشقا قەدىمكى زاماندىن قالغان قەبىلە - قوۋملار ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مىللەت. ئالجىرلار ئەرەب ۋە فىرانسۇز مەدەنىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئاھالىلىرى <گولبا> دەپ ئاتىلىدىغان كېسەك - لايدىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەردە تۇرىدۇ. ئالجىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرى <گاندورا> دەپ ئاتىلىدىغان ئەرەب پاسونىدىكى ئۇزۇن يەكتەك بولۇپ، بېشىغا ئاق رەختتىن سەللە ئورىۋالىدۇ، ئاياللىرى نىمچە كېيىپ چۈمبەل بىلەن يۈزىنى ئېتىپ يۈرىدۇ، بەدىنىگە گۈل چېكىۋالىدۇ. ئالجىرلارنىڭ ئۆلۈم - يېتىم، توي - تۆكۈن ئىشلىرى ئاساسەن ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. ئالجىرلارنىڭ قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، مەۋلۇد قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. ئالجىرلىقلار ئاق رەڭنى پاكلىق، تىنچ - ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا كىيىم - كېچەك ۋە ئۆيلىرى كۆپىنچە ئاق رەڭلىك كېلىدۇ. ئالجىرلاردا قىز تۇغۇلۇش بىلەن، قىزنىڭ ئانىسى قىزىغا قىمممەت باھالىق زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ، قىزىغا ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىلىدە كەشتە تىكىشنى ئۆگىتىپ، تويلۇق ئۆي بىساتىنى ئۆزىگە تەييارلىتىدۇ ھەمدە ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ چېنىقتۇرىدۇ.ئالجىرلار قىزنىڭ ئاق پىشماق بولۇشىنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ قارايدۇ، شۇ ۋەجىدىن قىز ياتلىق بولۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئانىسى ياكى ھەمشىرىلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا يۇيۇندۇرۇلۇپ، قولتۇق، جىنسى ئەزالىرى قاتارلىق جايلاردىكى موي چۈشۈرۈلۈپ، پۈتۈن بەدىنىنى بىر قەۋەت ئاقامشۇل دورا بىلەن مايلاپ چىقىدۇ. ئالجىرلاردا توي مەرىكىسى ياز پەسلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. توي مەرىكىسى بىرىنچى كۈنى قىز تەرەپتە ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ كۈنى قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، دوسىت - بۇرادەرلىرى قىزغا سوۋغات تەقدىم قىلىدۇ، ئاندىن قىز يۆتكەپ كېتىلىدۇ. قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىش بىلەن يىگىتنىڭ ئانىسى ئالدىغا چىقىپ، قىزغا بەختنىڭ سمۋولى سۈپىتىدە بىر پىيالە سۈت تۇتىدۇ، ئاندىن ھۇجرسىنىڭ ئاچقۇچىنى قىزغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، بىراق بۇ كۈنى قىز ھۇجرسىغا كىرمەي قىز قولداشلىرى ۋە يەڭگىلىرى بىلەن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالىدۇ، ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپتە كاتتا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، كەچتە يىگىت بىلەن قىز ئاندىن ھۇجرىسىغا كىرىپ بىرگە بولىدۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە، قىزنىڭ يەڭگىسىى قىزنىڭ ئاسىتىغا سالغان لاتىسىنى يىگىتنىڭ تۇغقانلىرىغا كۆرسىتىپ، قىزنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئالجىرلار | UyghurWiki | UyghurWiki