پوئېرتورىكانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
پوئېرتورىكانلار ئوئېرتورىكودا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 3.61 پىرسەنتى ئاساسەن ئامېرىكىغا قاراشلىق پوئېرتورىكودا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون 100 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 1.99 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ 5.38 پىرسەنتى (1 مىليون 800 مىڭ) ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 330 مىڭدىن كۆپرەك.
پوئېرتورىكانلار ئارىلاشما قان ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىلى گۇرۇپپىسى بىلەن گېرمان تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان ئىسپان ۋە ئىنگىلىز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پوئېرتورىكانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، مۇلازىمەت ئىشلىرى، سانائەت، سودا - سېتىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قول سانائىتىمۇ بىر قەدەر راۋاجلانغان. دېھقانچىلىقتا شېكەر قومۇچى، قەھۋە، بانان، تاماكا، شال، كۆممىقوناق ۋە كاكائو قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. پوئېرتورىكانلىقلارنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە يىمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام قاتارلىق جەھەتلىرىدىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى لاتىن ئامېرىكىسى مىللەتلىرىنىڭكىگە ئوخشىشپ كېتىدۇ.