UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركالېنجىنلار

كالېنجىنلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كالېنجىنلار كېنىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 9.90 پىرسەنتى كېنىيدە (1 مىليون 800 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، 10 پىرسەنتى ئۇگاندا(60 مىىڭ) ۋە تانزانىيە (130 مىڭ) دە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 310 مىڭ، كالېنجىنلار كېنىيە نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 8.10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە كالېنجىن تىلىنى قوللىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپى سۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ. كالېنجىنلار ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەتكە چوقۇنۇشتەك ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن كۆممىقوناق، تېرىق، پۇرچاق قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. كالېنجىنلار كالىنى مال - مۈلۈك ۋە ئىجىتمائىي ئورنىنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ. كالېنجىنلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن چوڭ - كىچىك نەچچە ئون قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە نوپۇسى كۆپرەكى كىپسىگىسلار (700 مىڭدىن كۆپرەك) دىن ئىبارەت، قەبىلىلەر ئارا پەرق چوڭ بولىدۇ، ئاھالىلىرى ئىچىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى بىر قەدەر ئېغىر ھالدا ساقلانغان. كالېنجىنلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى كىكۇيۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كالېنجىنلار | UyghurWiki | UyghurWiki