ئۇكرائىنلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئۇكرائىنلار ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بەزىدە <كىچىك رۇسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 45 مىليون 347 مىڭ، ئۇنىڭ 38 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەكى ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 73 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇكرائىنلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تىپىغا كىرىدۇ. ھىندى - ياۋروپا تىللىر سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي سىلاۋيان تىلى تارمىقىغا تەۋە ئۇكرائىن تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ئۇكرائىنلارنىڭ كۆپىنچىسى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئۇكرائىنلارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچلىق، بىر قىسمى سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلەر بىلەن قىزىلچا، ياڭيۇ، كەندىر، ئۈزۈم قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سۈتلۈك كالا، چوشقا ۋە قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
سانائىتى ئېنىرگىيە، كانچىلىق، ماشىنسازلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھازىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
ئۇكرائىنلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئولتۇراق ئۆيلىرى ئادەتتە ياغاچ قۇرۇلمىلىق، كۆپ ئېغىزلىق، بىر قەۋەتلىك سېلىنىدۇ. ئۆي - ئىمارەتلىرىنىڭ تام - تورۇس، لىم، تۈۋرۈكلىرىگە ھەرخىل گۈل - گىيالارنىڭ نۇسخىلىرىنى نەقىشلەپ چىقىرىدۇ ھەم بېزەيدۇ.
ئۇكرائىنلار ئۆزلىرىنىڭ رەڭگارەڭ كەشتىلەنگەن مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇكرائىنلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا سۇس رەڭلىك كۆڭلەك كېيىپ ئۈستىگە جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ، پۇتىغا خۇرۇم ئاياغ كېيىدۇ؛ ئاياللىرى ئۇچىسىغا ياقا، يەڭ، مۈرە، كۆكرەك قىسمىغا قەدەر خىلمۇ - خىل قىلىپ كانۋا تۇتقان ئاق كۆڭلەك، ئاستىغا ئۇزۇن يوپكا كېيىپ، ئالدىغا گۈللۈك رەختتىن پەرتۇق تارتىۋالىدۇ، بېشىغا ياغلىق چېگىۋالىدۇ؛ چوكانلىرى ئادەتتە چۈمكۈمە بۆك كېيىدۇ ياكى گۈللۈك ياغلىق چېگىۋالىدۇ؛ قىزلىرى بېشىغا رەڭلىك لېنتا تاقايدۇ، خوتۇن - قىزلىرى ھالقا، زىرە، ئۈزۈك سالىدۇ، مارجان ۋە مىدالىيون ئاسىدۇ.
ئۇكرائىنلار بولكا بىلەن سۈتلۈك چاي ئىچىشنى، جۇۋاۋا ۋە قىيمىلىق تائاملارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سۈرلەنگەن بېلىق، ھەر خىل كۆكتات، ئىرىمچىك، سېرىق ماي قاتارلىقلارنىمۇ قوشۇمچە ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇكرائىنلارنىڭ دۈمىلىمە كۆكتات شورپىسى ئالاھىدە مېزىلىك بولىدۇ.
ئۇكرائىنلاردا يىگىت - قىزلىرى توي قىلىشتىن ئاۋۋال <چاي ئىچۈرۈش> ئادىتى بار.
ئۇكرائىنلار توي مەرىكىسى كۈنى يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئالدىغا ئاق پايانداز سالىدۇ، بۇ بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ تەقدىرى باغلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ بىر - بىرىگە سادىق بولۇپ ئايرىلماسلىقىنى تىلىگەنلىك مەنىسىنى بېرىدۇ.ئۇكرائىنلار ئۈمىدۋار، جۇشقۇن كېلىدۇ.
ئۇكرائىنلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كۆپرەك ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى پاجىئەلىك سەرگۈزەشتىلىرى ۋە خەلقنىڭ يات مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەش مۇساپىلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان داستان قىسسىلەرنى ئاساس قىلىدۇ.
ئۇكرائىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى ھەر يىلى 6 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان <ئەۋلىيا ئىئوھان بايرىمى> بولۇپ، بۇ مەزگىلدە دېنپىر، دىنېستىر دەرياسى ۋادىلىرى بايرام شاتلىقىغا چۆمىدۇ.