UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرۋولوفلار

ۋولوفلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ۋولوفلار غەربىي ئافرىقىدىكى سېنېگالدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، ئۇلار <ۋەلوفلار>، <يۇلوفلار>، <يالوفلار>، <ئولوفلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 1.91 پىرسەنتى سېنېگالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 2 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى گامبىيە (200 مىڭ)، ماۋرىتانىيە، مالى ۋە گۋىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك. ۋولوفلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ۋولوف تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى فرانسۇز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ۋولوفلارنىڭ 93 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، ئاز بىر قىسمى (شەھەردىكىلىرى) خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋولوفلارنىڭ 70 پىرسەنتى دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا خاسىڭ، شال، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، كىدە، خاسىڭ ئۇلارنىڭ سىرتقا ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتى بولۇپ، ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ۋولوف ئاياللىرى ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسالغان خىلمۇ - خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ۋولوفلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد قاتارلىق دىنىي - ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. ۋولوفلارنىڭ ئات بەيگىسى، چېلىشىش، خاسىڭ دۆۋىلەش مۇسابىقىسى، قولۋاق مۇسابىقىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ۋولوفلار | UyghurWiki | UyghurWiki