UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركۇشانلار

كۇشانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كۇشانلار قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ساكلارنىڭ بىر تارمىقى، ئېلىمىز تارىخنامىلىرىدا قەيت قىلىنغان ياۋچى (توخرى) پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. كۇشانلار مىلادى Ⅰ - Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلىپ زور ئىمپېرىيە (خەن سۇلالىسى، ئارساك، رىم، كۇشان) نىڭ بىرىگە ئايلانغان. كۇشانلار دەسلەپ قارۇشتى يېزىقىنى، كېيىن براھمى يېزىقىنى قوللانغان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا <توخار تىلى> نى پەيدىنپەي كېڭەيتكەن. كۇشانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بۇددا دىنىنىڭ ماخايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، بۇددا دىنىنى كېڭەيتىش، غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە غايەت زور رول ئوينىغان. كۇشانلار Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ زەئىپلىشىپ، Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە ئېفتالىتلار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغان. ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى يەرلىك مىللەتلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن. كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى پۇرساپۇرا (ھازىرقى پاكىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرى) ئىدى. بۇ شەھەر شۇ چاغدا قەندەھار شەھىرى دەپ ئاتالغانىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كۇشانلار | UyghurWiki | UyghurWiki