تامىللار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تامىللار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق ئون مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 3.95 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى تامىلنا شىتاتىدا (58 مىليون) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى ئاندخارا شىتاتىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تامىللار ھىندىتان ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 4.7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سىرىلانكا (4 مىليون)، مالايسىيا (1 مىليون)، بىرما، سېنگاپور، ماۋرىتىئۇس ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن ئوكىئانىيە ئەللىرىدىمۇ بىر قىسىم تامىللار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 72 مىليون 910 مىڭ، تامىللار دراۋېد ئىرقىغا كىرىدۇ، دراۋېد تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تامىل تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي تىل - يېزىقى بار.
تامىللارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى خرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، تامىللارنىڭ 80 پىرسەنتى دېھقانچىلىق، قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇلللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.
تامىللار ھىندىستاندىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىلا جەنۇبىي ھىندىستاندا كولا قاتارلىق بىر نەچچە بەگلىكنى قۇرغان.
تامىللارنىڭ دېھقانچىلىق رايونىدىكىلىرى ئاساسەن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان، تاغلىق رايونىدا ئېپقېچىپ نىكاھلىنىش ئادىتى ساقلىنىپ قالغان، تامىللارنىڭ توي مەرىكىسى ئۆزگىچە بولىدۇ، مەرىكە كۈنى يىگىت بىلەن قىز مۇقەددەس گۈلخاننى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ ھەمدە توينىڭ شاھىدى سۈپىتىدە بىر جۈپ دەرەخ تىكىدۇ، قىزغا سېرىق رەڭلىك لېنتا تاقاپ قويىدۇ، بۇنى قىز بىر ئۆمۈر يېنىدىن ئايرىماي ساقلايدۇ.
تامىللارنىڭ مېيتنى دەپنە قىلىش قائىدە - يوسۇنلىرى مۇرەككەپ بولىدۇ، بىرەيلەن ئۆلسە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا نەچچە كۈن ھازا تۇتىدۇ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلىرى 16 كۈن، شەھەردىكىلىرى ئادەتتە بىر ھەپتە ياكى بىر نەچچە كۈن ھازا تۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە مېيتنى دەپنە قىلىشتىن ئاۋۋال مەرھۇمنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىينىلىرى يېتىپ كېلىشى شەرت، ئۇنداق قىلمىسا غايەت زور گۇناھ سادىر قىلغانلىق بولىدۇ، ھازىدارۆر مېيتنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ ۋىدالاشقاندىن كېيىن، مېيتنى دەريا ياكى كۆل بويىغا ئاپىرىپ كۆيدۈرۈپ سۇغا دەپنە قىلىدۇ.
تامىللارنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە دىنىي ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە باساۋۇ (ئۆكۈز) بايرىمى، پوسۇن بايرىمى، لونگىر (ھوسۇل) بايرىمى قاتارلىق بايراملار داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ.
تامىللار ئەدەبىيات - سەنئەتكە باي مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى 2000 - 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە.
تامىللارنىڭ پەرھىزلىرىمۇ كۆپ، مەسىلەن: سەيشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى شىمالغا قاراپ سەپەر قىلمايدۇ، تامىللار 1،3،7 رەقەملىرىدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، تامىللار قۇياش ئولتۇرغاندىن كېيىن چاچ ئالدۇرمايدۇ، تىرناق ئالمايدۇ، كىشلەرگە يىڭنە، تۇز ۋە باشقا ئاق نەرسىلەرنى ئارىيەت بەرمەيدۇ.
تامىللار 1 - ، 3 - ، 5 - پەرزەنتى قىز بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. تامىللارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئىچىدە بۇقا بىلەن ئېلىشىش ۋە سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئومۇملاشقان.