مىناڭكاباۋلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مىناڭكاباۋلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزىدە <مىناگاباۋلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاساسەن سۇماترا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمى (گاگانمۇ ئېگىزلىكى) غا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، شۇ ئارالدىكى ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. نوپۇسى 5 مىليون 820 مىڭ بولۇپ، ھىندونېزىيە ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 3 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم مىناڭكا باۋلار مالايسىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
مىناڭكاباۋلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ. جەنۇبىي ئارال تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مىناڭكا باۋ تىلىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى بار.
مىناڭكاباۋلار تارىختا ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغانىدى. ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق ھىندى دىنى ئەھكاملىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئانىمىزمنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان.
مىناڭكاباۋلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، شېكەر قۇمۇچى، تاماكا، كاۋچۇك، قەھۋە قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. بىر قىسمى سودا - سېتىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىناڭكا باۋلاردا دەسلەپ گادۇ، بىلىئۇ، بەدى ۋە سانىئاگا قاتارلىق تۆت ئۇرۇق بولغان، بۇ تۆت ئۇرۇق كېيىن كۆپىيىپ 96 ئۇرۇققا يەتكەنىكەن.
مىناڭكا باۋلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە مىللىي ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھىندونېزىيە يېقىنقى زامان تارىخىىدىكى مەشھۇر يازغۇچى ژۇرنالىسىت ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇل موئىس (1890 - 1959)، شائىر كەيرىل ئەنۋەر (1922 - 1949) قاتارلىقلار مىناڭكا باۋ مىللىتىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك مىلىي پۇراققا ئىگە ئەسەرلىرى ئارقىلىى ھىندونېزىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان. شائىر كەيرىل ئەنۋەرنىڭ شېئىرلىرى ئىنگىلىز، فىرانسۇز، گوللاند، رۇس قاتارلىق كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.