سوغدىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سوغدىلار <سوغدىيانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوغدى - قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سوغدىيانا يەنى ئامۇ، سىر دەريالىرى، زەرەپشان ۋادىلىرى يەنى ھازىرقى تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ئەتراپىدا ياشىغان قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى. جۈملىدىن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت نامى.
سوغدىلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارىئان تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي ئىران تارمىقىغا تەۋە سوغدى تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللانغان. ئۇلار تارىختا سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى ۋە شام (سۇرىيە) يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقنى قوللانغان ۋە ئۇنى كېڭەيتكەن.
سوغدىلار جۇڭگۇدىكى خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ يەنى مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅱ ئەسىردىن مىلادى Ⅹ ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق مەزگىلدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلغان سودا - سېتىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن داڭ چىقارغان.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇلار سوغدىلارنى خۇلار (胡人 ـ غۇزلار) دەپ ئاتىغان. ئۇلار تۆگە كارۋانلىرى بىلەن چاڭئەنگە كېلىپ - كېتىپ يۈرۈپ مەخسۇس يىپەك، چاي، ئەينەك، گىلەم، خۇشپۇراق ماتېرىياللىرى قاتارلىق تاۋارلار سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.
سوغدىلار تارىختا ئېفتالىت، تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى مىللەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، شۇلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، شەرقتە جۇڭگۇ، غەربتە داكچىن (رىم ئىمپېرىيسى)، شىمالدا شىمالىي چۆللۈك، جەنۇبتا ھىندىستانغىچە بولغان كەڭ ماكاندا ئەركىن سودا - سېتىق قىلىپ يۈرگەن ۋە قەدىمى يەتكەنلىكى جايلاردا رابات (ئۆتەڭ) قۇرۇپ، ئاھالە پونكىتلىرىنى بەرپا قىلغان. سۈيئاب (ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق ئەتراپىدا)، لوپنۇر، دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردا ئۇلاردىن قالغان قەلئە خارابىلىرىنى ھېلىمۇ تاپقىلى بولىدۇ.
سوغدىلار تارىختا ئۆزلىرى بارغان جايلاردىكى مىللەتلەر، ئەللەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۆزلىرىنىڭ تىل - يېزىقىنىمۇ كەڭ تارقاتقان، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىمۇ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. زوروئاستېر (ئاتەشپەرەسلىك) دىنى بىلەن مانى دىنىمۇ ئەينى زاماندىكى غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا شۇلار ئارقىلىق تارقالغان.
سوغدىلار شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدىكى سودا - سېتىقتا ۋاستىچىلىق رول ئويناپلا قالماي، بەلكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىمۇ موھىم ۋاستىچىلىق رول ئوينىغان.
سوغدىلار تارىختا مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅵ ئەسىردىن تارتىپ پېرسىيە ئىمپېرىيىسى، ئالېكساندىر ئېمپېرىيسى، سېلۋىك پادىشاھلىقى، باكتىرىيە، توخرىلار (ئۇلۇغ ياۋچىلار)، كۇشانلار، ساسانىيلار، تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەمدە تۈركلىشىشكە يۈزلەنگەن. سوغدىلار مىلادى Ⅷ ئەسىرلەردە، ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ پەيدىنپەي ئىسلاملاشتۇرۇلغان. ⅩⅢ ئەسىردە موڭغۇل قوشۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، سوغدىلارنىڭ دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، پايتەختى - ئافراسىياپ شەھىرى (ھازىرقى سەمەرقەند ئەتراپىدا) مۇ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سوغدىلار تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن. سوغدىلار كېيىن بېرىپ ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ، شۇ مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك تەركىبىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.