تۈكمەنلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۈركمەنلەر تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت، نوپۇسى 2 مىليون 620 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 72 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شىمالىي كافكاز، ئاستىراخان رايونى ۋە ئىران، ئاففانىستان، ئىراق، تۈركىيە، سۈرىيە قاتارلىق غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليوندىن كۆپرەك.
تۈركمەنلەر ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ؛ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئوغۇز تىل تارمىقىغا تەۋە تۈركمەن تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ تۈركمەنلەرنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، 1940 - يىلىدىن تارتىپ سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىپ كەلگەن.
تۈركمەنلەر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگگ ئېتىقاد قىلىدۇ.
تۈركمەنلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆپرەك بۇغداي، قوناق، كېۋەز ۋە كۆكتات، مېۋە تېرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا قوي، تۆگە، ئات، كالا قاتارلىقلار بېقىلىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۈركمەن گىلىمى بىلەن ياغاچ ۋە مىس ئەسۋابلىرىنىڭ داڭقى بار، يېقىنقى زامان سانائىتىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، مىرابلت ئېلىش، ماشىنسازلىق، خىمىيە، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار.
تۈركمەنلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى قەدىمكى زاماندا ئىران تىلى بىلەن سۆزلىشىدىغان داخا - ماساگىتلار بىلەن سارمات - ئالانىلار ۋە مارغىئانا، خارەزىم قاتارلىق قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلىرى ھەمدە ئوغۇز تۈركلىرىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ.
تۈركمەنلەر ئاساسەن ئۇن غىزاسى بىلەن گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناندىن ئايرىلمايدۇ، شۇڭا تۈركمەنلەر پولۇ بىلەن كاۋاپنى ياخشى كۆرىدۇ. تۈركمەنلەردە بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، يىگىت - قىزلىرىنىڭ توي ئىشلىرىنى كۆپىنچە ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆتكۈزىدۇ.
تۈركمەنلەرنىڭ ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ھېيت - ئايەم ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
تۈركمەنلەر مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىلراسلىرىغا ئىگە مىللەت. ئۆزىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئىچىدە، ئەپسانە - رىۋايەت، داستان، چۆچەك، ماقال - تەمسىل، ناخشا - قوشاق قاتارلىقلار بار. ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدىن دېھقانچىلىق پىرى - <بابا - دېھقان>؛ مۇزىكا، ناخشا - قوشاق پىرى - <بابا - قەمبەر>،<قۇرقۇت> ۋە <پەرھات - شىرىن> داستانى قاتارلىقلار تۈركمەنلەر ئىچىدە خېلى كەڭ تارقالغان، ئۇلاردا تۈركمەنلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىكى تۇرمۇشى ۋە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرى سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ.تۈركمەنلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولۇپ، تۈركمەنلەر تارىخىدا بىر مۇنچە ئەدىب، شائىر ۋە پەيلاسوپلار ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەيلاسوپ، شائىر مەختۇمقۇلى (1733 - 1793) ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
تۈركمەنلەر ئوغلاق تارتىشىش، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق مىللىي كۆڭۈل ئېچىش تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تۈركمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تۇنجى بولۇپ ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن ۋە ئاتنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەربىي ئىشلار، قاتناش ۋە تەنتەربىيە، مىللى كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىپ ئات مەدەنىيىتىنى ياراتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاكى ھازىرغىچە ئاتنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. تۈركمەنلەرنىڭ ئات ئۈستى ماھارىتى، ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش، بەيگە، چەۋەندازلىق، چەۋگەن ئويۇنى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە - كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ ئاتسىز بولمايدۇ.
تۈركمەنلەر ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزىگە خاس كەشتىچىلىك، توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك ۋە باشقا بېزەك قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنى بەرپا قىلغان. ئۇلارنىڭ گىلەم، تام بېزەكلىرى، دەرپەردە، بوخچا - خالتا قاتارلىق ئۆي سايمانلىرى، بۆكتەرمە، چۇلۋۇر، قوشقۇن، ئۈزەڭگە، ئىگەر - توقۇم قاتارلىق ئات جابدۇقلىرى ۋە مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ئومۇمەن چىرايلىق كەشتىلەنگەن بولۇپ، كىشىگە بىر خىل ئىستېتىك زوق بېرىدۇ.
تۈركمەنلەر ئەزەلدىن كۆك، يېشىل ۋە ئاق رەڭنى ئېزىزلاپ كەلگەن. تۈركمەنلەردە يەنە قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىغا تىۋىنىش ئۇلارنى ئۇلۇغلاش قارىشى ھېلىمۇ مەۋجۇت. بۇنى تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن دۆلەت گىربىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.