چياڭلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەت - قوۋملارنىڭ بىرى. چياڭلار خەنزۇچە تارىخنامىلەردە <چياڭرۇڭ> ياكى <شىرۇڭ> (غەربىي روڭ)، <دىرۇڭ> قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇلار شاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ ئاساسەن ھازىرقى چىڭخەي، گەنسۇ، غەربىي يۇرت(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى) ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن؛ ئوتتۇرا جوڭگۇ رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن بىر قىسم چياڭلار خەنزۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراق دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچكەن ھەمدە پەيدىنپەي خۇاشىيالار (خەنزۇلار) تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان ياكى شۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
غەربىي جەنۇبقا كۆچكەن چياڭلار كېيىن تۈبۈت (زاڭزۇ) قاتارلىق مىللەتلەرگە ئۆزلىشىپ كەتكەن.
چياڭلارنىڭ غەربكە كۆچكەن بىر قىسمى تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅳ ئەسىردە شىنجاڭ تەۋەسىگە كۆچۈپ كىرىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى يەنى كوئېلۇن تاغلىق رايونىدىن تاكى كۆكئارت (پامىر) تېغى ئېتىكىگىچە يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە نوبچان، شىغناق، مالور، چورچان قاتارلىق بىر مۇنچە بەگلىكلەرنى بەرپا قىلغان. ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلگەن، كېيىن ئۇلار ئاھالىلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.
گەنسۇ، چىڭخەي ئەتراپىدىكىلىرى كېيىن تاڭغۇتلار دەپ ئاتىلىپ، تارىختا كېيىنكى چىن ۋە غەربىي شيا (تاڭغۇت) قاتارلىق يەرلىك ھاكىمىيەت بەرپا قىلغان.
(2) قەدىمكى چياڭلارنىڭ ھازىرقى سىچۇەن تەۋەسىگە كۆچكەن بىر قىسمى كېيىن بېرىپ ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ماۋۋېن چاڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، چاڭزۇ مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
چياڭلار ئىرقى جەھەتتە موڭغۇل ئىرقىغا كىرىدۇ. تىل جەھەتتە خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى، تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپسى چياڭ تىلى تارمىقىغا تەۋە چياڭ تىلىنىڭ ئىككى دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
چياڭلار ئاساسەن كۆپ خۇدالىق ئىپتىدائىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاق تاش، بۇتقا چوقۇنىدۇ.
چياڭلارنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككى بايرىمى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر يىلى 1 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان باھار ياكى يېڭى يىل بايرىمى يەنە بىرى ھەر يىلى 10 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان چياڭزۇلار بايرىمىدىن ئىبارەت. بىراق چياڭزۇلاردا كېيىنكى بايرىمىنى يېزا بويىچە يىل بويى بىرمۇ چوڭ ئادەم قازا قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆتكۈزىدۇ، بولمىسا شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.