نوپېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نوپېلار نېگىرىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزلىرىنى <نۇپېچىدزىلەر> دەپمۇ ئاتايدۇ.
نوپۇسى 1 مىليون 150 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 3.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
نوپېلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ كىۋا تىللىرى تارمىقىغا تەۋە نوپې تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
ئاھالىسىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ روھىغا چوقۇنىدۇ.
نوپېلار دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا، بېلىقچىلىق ۋە دەريا ترانسىپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاز بىر قىسمى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىدۇ.
نوپېلارنىڭ ئاياللىرى سودا - سېتىق ئىشلىرىغا ماھىر كېلىدۇ. نوپېلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ھېيت - ئايەملىرى بار.
نوپېلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.