UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرشانلار

شانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر شانلار بىرمىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 6.97 پىرسەنتى بىرمىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شان شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 460 مىڭ بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تايلاند، لائوس، ھىندىستانلاردىمۇ بىر قىسىم شانلار بار. شانلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ئۇلار ئېلىمىزنىڭ يۈننەندىكى دەيزۇ ۋە تايلاندىكى تايزۇلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار. شانلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى جۇاڭ - دۇڭ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە شان تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يىزىقى بار، بۇ يىزىق بۇددا دىنى سۇترالىرىنى خاتىرىلەشتىلا قوللىنىدۇ. شانلار بۇددا دىنىنىڭ ھىنايا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. شانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، چاي، شېكەر قومۇچى، پۇرچاق قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. شانلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى مىلادىنىڭ باشلىرىدا جۇڭگۇ چېگرىسى بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانىڭ شىمالىدا ياشىغان بولۇپ، كېيىن جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈپ، Ⅶ ئەسىردە شان بەگلىكىنى بەرپا قىلغان، ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە بىرمىنىڭ شىمالىدا ئاۋاخاندانلىقىنى قۇرغان. شانلاردا بىر ئەر - خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، يىگىت - قىزلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ؛ قىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرى قىزىنى كۆپرەك يىگىت بىلەن دوست بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شانلارنىڭ توي مەرىكىسىمۇ ئاددىي بولىدۇ. يىگىت بىلەن قىز توي قىلغاندىن كېيىن يىگىت قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدە بىر ئىككى يىل تۇرىدۇ، بەزلىرى ئۆمۈرۋايەت ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ قالىدۇ، ناۋادا قاملىشالماي نىكاھتىن ئايرىلسا، ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغۇچى تەرەپ ئۆينىڭ بارلىق بىساتىنى بېرىپ، ئۆزى قۇرۇق قول ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ، پەرزەنتلىرى ئىچىدە قىز ئانىسىغا، ئوغۇل دادىسىغا تەۋە بولىدۇ. شانلار مېيىتنى راھىب چاقىرىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاغزىغا پۇل سېلىپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، مۇسىبەي كۈنلىرى پەرھىز تۇتۇپ گۆشسىز غىزا يەيدۇ، مەرھۇمغا ئاتاپ يەتتە نەزىر بېرىدۇ. شانلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى بىر قەدەر ۆپ، ئۇلار كۆل سۈيىدە پۇت - قولىنى يۇيمايدۇ، مەرھۇمدىن قالغان نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ، ئاق چارۋا ماللارنى ساتمايدۇ. ئۆي ئىچىدە ئىسقارتمايدۇ، پۈدەپ چېلىنىدىغان مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چالمايدۇ، كۆپ ھاللاردا رەمبلپارى سېغىزى چايناپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
شانلار | UyghurWiki | UyghurWiki