ياۋزۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ياۋزۇلار ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلار ئۆزىنى <ميەن>، <جىنمېن>، <پۇنۇ>، <كجا>، <لاك>، <لاجا> قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ، ياۋزۇلارنىڭ 60 پىرسەنتى ئېلىمىزنىڭ گۇاڭشى - جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى خۇنەن، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ، خەينەن، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى 140 نەچچە ناھىيىنىڭ تاغلىق رايونىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا ۋېيتنام، لائۇس، تايلاند، بىرمىدىمۇ بىر قىسىم ياۋزۇلار بار، نوپۇسى 2 مىليون 413 مىڭدىن كۆپرەك.
ياۋزۇلار ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنى قوللانسىمۇ تىل تارمىقى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە ئايرىم - ئايرىم ئۈچ خىل تىلدا، يەنى ميەن، پۇنۇ ۋە لاجا تىلىنى قوللىنىدۇ. ياۋزۇلارنىڭ مىللىي يېزىقى يوق، خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ياۋزۇ مىللىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، بەزى جايلاردىكىلىرى تەبىئەتكە، ئاتا - بوۋىلىرىغا، ئىپتىدائىي دىنغا، بەزى جايلاردىكىلىرى داۋجياۋ دىنىغا (تويىن دىنىغا) ئاز قىسمى خرستىئان ياكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ياۋزۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ياۋزۇلار ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت، ياۋزۇلارنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس، بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى كۆپ خىل مەنبەدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ، ئامما كۆپىنچىسى قەدىمكى <جىمەن> ياكى <مەنياۋ> ، <مۇياۋ> قاتارلىق قەبىلە - قوۋملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ھېسابلايدۇ، ئومۇمەن ھازىرقى زامان ياۋزۇ مىللىتى خەن سۇلالىسىدىن تارتىپتاكى مىڭ سۇلالىسىگە قەدەر بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، ھەر خىل ئېتنىك ئامىللارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق تەدرىجىي شەكىللەنگەن مىللەت.
ياۋزۇلار تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
ياۋزۇلار ئادەتتە مېيتنى يەرگە كۆمۈپ ۋە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ.
ياۋزۇلارنىڭ چوڭ - كىچىك مىللىي بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ 30 نەچچىگە يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسەن باھار بايرىمى (مايسا تىكىش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پرىم بايرىمى، دانۇ بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، شېۋاڭ بايرىمى، پەنۋاڭ بايرىمى قاتارلىق بايراملىرىنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
ياۋزۇلار دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 7 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان <يېرىم ئاي بايرىمى> نى خەنزۇلارنىڭ باھار بايرىمىغا ئوخشاش بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ داغدۇغىلىق بايرام ھېسابلاپ ئۇنى ئوبدان تەييارلىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ياۋزۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، كىچىك دائىرىدا توپلىشىپ، كەڭ دائىرىدا ئارىلىشىپ ئولتۇرغانلىقتىن، ھەر قايسى جايلىرىدىكىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇنلىرى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
ياۋزۇلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا باي مىللەت بولۇپ، ئۇ ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، بېيت، ناخشا - قوشاق قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ياۋزۇلارنىڭ <پەنگو ھەققىدە قوشاق>، <زېمىن، تاغ، دەريالارنىڭ يارىلىشى>، <كۈن بىلەن ئاينىڭ توي قىلىشى>، <مىلوتو>، <ئاكا - سىڭىل فۇيى> قاتارلىق ئېپوس ۋە خەلق داستانلىرى بار، ياۋزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن نۇر چۆرگىلىتىش، ئۇزۇن دۇمباق چېلىش قاتارلىقلار بار.
ياۋزۇلارنىڭ يىمەك - ئىچمەك جەھەتتىمۇ بىر مۇنچە ئۆزگىچە پەرھىزلىرى بار. ياۋزۇلاردا تاغلاردىكى قېرى دەرەخلەرگە چوقۇنۇش ۋە ئۇلارغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىش ئادىتى بار، شۇ ۋەجىدىن ھەريىلى يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئەر - ئايال، قېرى - ياشلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىدىكى تاغ - ئېدىرلىقلارغا چىقىپ كۆچەت تىكىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياۋزۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى تاغ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياپيېشىل كۆكۈرۈپ تۇرىدۇ.