UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەريامايكالىقلار

يامايكالىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) يامايكالىقلار <يامايلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يامايكالىقلار يامايكىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 67 پىرسەنتى يامايكىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 230 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 96 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ قالغان 3.12 پىرسەنتى ئەنگىلىيىدە، 8 پىرسەنتى ئامېرىكىدا، ئاز قىسمى نېكاراگۇئادا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 240 مىڭ. يامايكالىقلار نېگىرلار قان سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان شالغۇت ئىرققا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگىلىز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. يامايكالىقلار خرستىئان دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بىراق بىر قىسىم كىشلەر غەربىي ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن. يامايكالىقلارنىڭ 70 پىرسەنتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا شېكەر قومۇچى، كوكۇس، بانان، قەھۋە، كاكاۋۇ، شال قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ زىرائەتلىرى ئۆستۈرىلىدۇ، قالغان ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. (2) يامايكا جۇمھۇرىيىتى ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 2 مىليون 409 مىڭ بولۇپ، شەھەر نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، تەركىبى جەھەتتە نېگىرلار بىلەن نېگىر ئاق تەنلىك ئارىلاشما قانلىقلار 3.90 پىرسەنتىنى، ئىندىئانلار 4 پىرسەنتىنى، ئاقتەنلىكلەر 2.3 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىلىرى ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يامايكىلىقلار مەدەنىيەت جەھەتتە روشەن ھالدىكى ئافرىقا مەدەنىيىتى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بۇ رىۋايەت - ئەپسانە ۋە داستانلىرى قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا تولۇق ئىپادىلىنىدۇ. يامايكىلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى خرىستىئان دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. يامايكىلىقلار توينى ئادەتتە چۈشتىن كېيىن قىلىدۇ. يامايكىلىقلار مېيتنى يەرگە كۆمۈپ ۋە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. دەپنە مۇراسىمىدا مەرسىيە ئېيتىپ، ماتەم مۇزىكىسىنى چالىدۇ. ئاياللىرى ئادەتتە يوپكا، ئەرلىرى ئاق رەڭلىك كۆينەك بىلەن كالتە ئىشتان كېيىدۇ. ئاھالىلىرى گۈرۈچ، قوناق، سۈت ۋە كۆكتاتنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. يامايكىلىقلارنىڭ روژدېستۋو، پاسخا، يېڭى يىل قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. يامايكىلىقلار ئاياللارنىڭ ياش قورامى، ئىش - ئوقىتىنى سوراشنى، <13> رەقەمنى يامان كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر