كىنگالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كىنگالار تانزانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ۋاكىنگالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 94 پىرسەنتى تانزانىيىنىڭ مالاۋي كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى لۋېستون تاغ تىزمىسى ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان؛ قالغان قىسمى مالاۋى جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 170 مىڭ بولۇپ، تانزانىيە نوپۇسىنىڭ 5.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
كىنگالار مىۋېليا، ۋانگى، پانگۋا قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ نىياكۇسا ۋە ماتېنگو قاتارلىق مىللەتلەر بىلەنمۇ قانداشلىق ئالاقىسى يېقىن.
كىنگالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىنگا تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچسى سىۋاھلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
كىنگالار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ.
كىنگالار دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بانان، كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، كۆل بويىدىكىلىرى بېلىقچىلىق قىلىدۇ.
كىنگالار ئاتا جەمەت بويىچە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نەسەب ھېسابلاش، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتلەردە پاترىئارخاللىقنىڭ ئىزلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.