شوتلاندلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
شۇتلاندلار ئەنگىلىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن برىتانىيە ئارلىنىڭ شىمالىدىكى شوتلاندىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى ئەتراپتىكى ئاراللاردا ھەمدە ئەنگىلىيىنىڭ باشقا رايونلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 5 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9 پىرسەنتىنى، شوتلاندىيە ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ 800 مىڭدىن كۆپرەك شوتلاند بار.
شوتلاندلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق دېڭىزى تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگىلىز تىلىنىڭ شوتلاند دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
شوتلاندلارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پرسىۋتېرىئال مەزھىپىگە، ئاز قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
شوتلاند ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتى پولات - تۆمۈر، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل ۋە ئايرۇپىلان ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئاساس، بىر قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسەن قوي، كالا، چوشقا بېقىلىدۇ.
شوتلاندلار ئاساسەن ئەڭ بۇرۇن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن كېلىت قەبىلىلىرىدىن بولغان سىكوتىلار بىلەن پىكتلارنىڭ قوشۇلۇشى، جۈملىدىن برىتانلار بىلەن ئەنگلو - ساكسۇنلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن مىللەت. شوتلاندلار مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتتە ئىنگلىزلار، ئىرلاندلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسەن ئىرلاندلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
شوتلاندلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىم - كېچىكى كاتەكچە (چاقماق) قىسقا يوپكىدىن ئىبارەت. شوتلاندلارنىڭ ئەرلىرى بۇ خىل ئەنئەنىۋى يوپكا كېيىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ خىل يوپكا بەلدىن تىزغىچە كېلىدۇ، ئادەتتە كاتەكچە گۈللۈك سوكنى رەختتىن تىكىلىدۇ. ئالدى تەرەپتە ئېللىپىس شەكىللىك كەڭ بەلبېغى بولىدۇ، بۇ خىل يوپكا شوتلاندلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىپىك مىللىي ھېسىياتىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.
شوتلاندلار يىلدا بىر قېتىم ئېگىز جايلارغا يىغىلىپ مۇزىكا بىلەن تەنتەربىيىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن تەنتەنە بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كۈنلىرى ئۆزئارا ماھارەت كۆرسىتىدۇ، شوتلاندلاردا بۇنىڭدىن باشقا روژدېستۋو، يېڭى يىل، پاسخا ۋە ئالۋاستىلار بايرىمى قاتارلىق ھېيت - بايراملىرىمۇ بار.
شوتلاندلار چوڭ خوخا تىكەن گۈلىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ، ئۇنى پۈتۈن مىللەتنىڭ جەڭگىۋار روھىنىڭ نىشانىسى ۋە سىمۋولى دەپ قارايدۇ.