جېبالالەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
جېبالالەر ماراكەشتە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن مەراكەشنىڭ شىمالىدىكى رىف تاغلىق رايونىدىن تارتىپ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىغا قەدەر بولغان جايلاردا ھەمدە سېتبا پورتى بىلەن تېتوئان شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 270 مىڭ.
جېبالالەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ.
جېبالالەرنىڭ مۇتلەق كۆپى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچلىق سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
جېبالالەر ئەسلى ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، Ⅺ ئەسىردە مەغرب رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي يەرلىك بەربەرلەرنىڭ ئانجېرەت، ئارۇس، گوروفېت، مېسگىلتا، ستېتا، تىزۇل ۋە زېرۋال قاتارلىق قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە ئاسسىمىلاتىسىيە قىلىش ھەمدە سېبتا بىلەن تېتوئاندىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئەرەب ئاھالىلىرى بىلەن ئارىلىشىش داۋامىدا، مەراكەشلىكلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.