UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرباسونگالار

باسونگالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر باسونگالار موزامبىكتا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <سونگالار> ، <شانگالار> دەپمۇ ئاتىلدۇ. باسونگالارنىڭ 9.68 پىرسەنتى موزامبىكتا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 2 مىليون 350 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6.23 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان 4.24 پىرسەنتى جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى (1 مىليون)، زىمبابۋې (250 مىڭ)، سىۋازىلاند (15 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك. باسونگالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سونگا تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. باسونگالارنىڭ كۆپىنچىسى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان كۆپرەك تەبىئەت كۈچىلىرىگە چوقۇنىدۇ. ئاھالىسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. باسونگالار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىندۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، كوكۇس، باتات، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا كالا، قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. پاسونگالارنىڭ كېلىپ چىقىشى غەربىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان شۇنالار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. باسونگالارنىڭ ئەجدادلىرى Ⅹ ئەسىردە ھازىرقى كامېرون تەۋەسىدىن كۆچۈپ كەلگەن، ⅩⅤ ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگاللارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن. باسونگالار ئولتۇراق ئۆي، كىيىم - كېچەك، مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىق جەھەتتە ياۋروپانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بىراق ئائىلە نىكاھ ئىشلىرى جەھەتتە بىر ئەر كۆپ خوتونلۇق بولۇش تۈزۈمى، ئاتا جەمەتىگە قاراپ نەسەب ھېسابلاپ مال - مۈلۈككە ۋارسلىق قىلىش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. باسونگالارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ماكۋالارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
باسونگالار | UyghurWiki | UyghurWiki