ھىندىستانلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ھىندىستانلىقلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى گانگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىنى رايونىدىكى ئوتتار پرادش (شىمالىي) شىتاتى، مەركىزىي شىتات، بىخار، دېھلى، راجاستان قاتارلىق شىتاتلار بىلەن ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا، چوڭ شەھەرلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 200 مىليون 640 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 46 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نېپال، پاكىستان، سىنگاپور قاتارلىق ئەللەردىمۇ مىليوندىن كۆپرەك ھىندىستانلىق تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ھىندىستانلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاۋىسترالىيە ئىرقى تەركىبى ئارىلاشقان ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ.
ھىندىستانلىقلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىتېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرا تىلى تارمىقىغا تەۋە ھىندى ۋە ئوردۇ تىللىرىنى قوللىنىدۇ، ھىندى تىلى ھىندىستاندا دۆلەت تىلى قىلىنىدۇ، ھىندى تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھىندستانلىقلار كونا ھىندى يېزىقى (سانسىكرىت يېزىقى) نى، ئوردۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھىندستانلىقلار ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ھىندىستانلىقلارنىڭ 80 پىرسەنتى، ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغان قىسمى (شەھەرلىكلىرى) ئىسلام دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ھىندىستانلىقلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزائىگىلىكىدە شال، پۇرچاق، بۇغداي، ئارپا، قىچا، خاسىڭ، سېرىق كەندىر، شېكەر قومۇچى، كېۋەز ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅣ ئەسىردە ھىندستان چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كۆچۈپ كەلگەن قەدىمكى ئارىئان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلىرى بىلەن يەرلىك دراۋېدلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلۇشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن.
ھىندستانلىقلار 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، قەدىمكى زاماندا مول ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىگە زور تۆھپە قوشقانىدى.
ھىندىستانلىقلارنىڭ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى مېيتنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى گانگ دەرياسىغا ئاپىرىپ تۆكۈۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار گانگ دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ تارماق ئېقىنىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئۇلارنىڭ دەرياغا بېلىگىچە كېچىپ كىرىپ دەريا سۈيىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ ئىچىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ھىندىستانلىقلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئورتاق بولغانلىرى يېڭى يىل بايرىمى، خولى بايرىمى، سۇ چېچىش بايرىمى، دېھخارا بايرىمى، توز يۇيۇش بايرىمى، دېۋالى (پانۇس) بايرىمى <ئەرلەرنى دۇمبالاش> ۋە سىناناياتدا بايرىمى قاتارلىق ھېيت - بايراملىرىدىن ئىبارەت.
ھىندىستانلىقلار توزنى بەخت - سائادەت ۋە تىنچلىق ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئۇنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدۇ.
ھىندستانلىقلار ئۆكۈنىمۇ مۇقەددەس بىلىدۇ، شۇڭا ئۆكۈزلەر ھىندستاننىڭ ھەر يېزىلىرىدا بىخارامان دەۋر سۈرۈپ يۈرۈۋېرىدۇ، ھىندى دىنى مۇخلىسلىرى ئۆكۈز گۆشىنى يېمەيدۇ، ئۇنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىم - كېچەكنى كىيمەيدۇ، ھىندىستانلىقلار يەنە يولۋاس، شىر، پىل ۋە مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارنىمۇ ئۇلۇغ بىلىدۇ.
ھىندستانلىقلارنىڭ پەرھىزلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھىندىستانلىقلار سەپەر ئۈستىدە مۈشۈك ياكى يىلان ئۇچراپ قالسا، ئارقىسىغا قايتىپ سەپەرنى بىكار قىلىدۇ، <3> ۋە <13> رەقەملىرىدىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەيدۇ، ئادەتتە سوۋغا - سالامنى ئوڭ قولى بىلەن بېرىدۇ ۋە ئالىدۇ، ئۆيىگە مېھمان كەلگەندە ئۆي سۈپۈرمەيدۇ. مېھمان ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھويلا - ئاراملىرىنى سۈپۈرىدۇ.
ھىندستانلىقلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى ئىنتايىن مول. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - 1000 - يىللىرى شەكىللەنگەن ھىندى دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ۋە شېئىرلار توپلىمى <ۋېدا> (بۇ، رېيگاۋېدا، ساماۋېدا، ئاتخارۋېدا، ياھاۋېدادىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ) بىلەن <رامايانا>، <ماخارخاراتا> دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ داستان، <پانكاتانىترا> ۋە سانسىكرىت يېزىقىدا يېزىلغان نۇرغۇنلىغان بۇددا نوم - دەستۇرلىرى ھەمدە <كىچىك لاي ھارۋا> ناملىق درامىسى دۇنياغا مەشھۇر قىممەتلىك يازما ئەدەبىيات مىراسلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قەدىمكى ھىندىستانلىقلارنىڭ دراما ئىشلىرىمۇ خېلى بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، سۇدراكسانىڭ <كىچىك لاي ھارۋا> ناملىق درامىسى، كالىداسانىڭ <ئابھياناشاگۇندارا> ناملىق درامىسى دۇنياغا مەشھۇر نادىر رېئالىزملىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
ھىندستانلىقلار بەكمۇ مۇلايىم ھەمدە قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ، ئادەتتە ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈمسىرەپ، بېلىنى ئېگىپ، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەككۈزۈپ <نامەسەم> (بېشىڭىز ئامان بولسۇن) دەپ سالام قىلىشىدۇ، ئاياللار چوڭلار ياكى يات ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، سارى بىلەن يۈزىنى توساپ ئۆتىدۇ.
ھىندستانلىقلار غەربىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، جامائەت سورۇنلىرىدا ھازىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان بولدى.
ھىندىستانلىقلاردا قوياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى بارلىق كائىناتنىڭ مەنبەسى دەپ قاراش ۋە چولپان يۇلتۇزنى پاكلىق، ساداقەتلىكنىڭ سىمۋولى قىلىش ئادەتلىرى بار.
ھىندىستانلىقلار گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، گۈل - گىياھلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ.