مالاۋىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مالاۋىلار مالاۋى بىلەن ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار <چېۋالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 5.57 پىرسەنتى (3 مىليون 300 مىڭ) مالاۋىدا، 5.24 پىرسەنتى موزامبىك (1 مىليون 200 مىڭ) تا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان قىسمى زامبىيە (750 مىڭ)، تانزانىيە (170 مىڭ)، زىمبابۋې (80 مىڭ)، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 6 مىليون 520 مىڭ، ئۇلار مالاۋى جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ 59 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
مالاۋىلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ. ئۇلار مىلادىنىڭ باشلىرى شىمالدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن بانتۇ نېگىرلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن نىيامۋانگا، نىكۇندۇ، چېۋا، چىكۇندا، زىمبا، نىسايا، سېنا ۋە نسېگا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
مالاۋىلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ بەنوئى - كونگو تىللىرى تارمىقىغا تەۋە چېنىيامۋانگا تىلىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان مىللىي يېزىقى بار.
مالاۋىلارنىڭ كۆپىنچسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنى ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
مالاۋىلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، شال، مانىخوت، چاي، شېكەر قومۇچى، تاماكا، خاسىڭ، تۇڭگۇ دەرىخى، پاختا دەرىخى قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا ئۆچكە، كالا بېقىلىدۇ.
مالاۋىلار كۆممىقوناق، بانان قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئادەتتە ئاق چۈمۈلىنىمۇ غىزا ئورنىدا ئىستېمال قىلىش ئادىتى بار.
مالاۋىلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمىگە يول قويۇلىدۇ، شۇڭا كۆپ خوتۇنلۇق ئەرلەر كۆپ ئېغىزلىق ئۆينىڭ مەركىزىدە، ئاياللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەرلىرى تۇرىدىغان ئۆينى چۆرىدەپ ئولتۇرىدۇ.
مالاۋىلارنىڭ روژدېستۋو، يېڭى يىل ۋە ئانىلار بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.
مالاۋىلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۈرمىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلىشنى مەنئىي قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ياش - قورامى ۋە مال - دۇنياسىنى سورىشىنى، بولۇپمۇ چارۋىچلارنىڭ چارۋا سانىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئېغىر ئالىدۇ، ناۋادا بىرەر كىشى ئۇقۇشماي مال سانىنى ساناپ قويسا، بېشىغا كالتەك يەيدۇ ياكى تىل - ھاقارەت ئىچىدە قالىدۇ.
مالاۋىلار قىزغىن، مېھماندوست كېلىدۇ، مىللىي غۇرۇرىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.