UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرباسكېلار

باسكېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر باسكېلار ئاساسەن ئىسپانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزلىرىنى <ئوسكالدۇناكلار> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئىسپانىيە (850 مىڭ)، فرانسىيە (150 مىڭ) ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى (250 مىڭ) قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 119 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلار ئىسپانىيە نوپۇسىنىڭ 3.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. باسكېلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپى بىلەن ئالىپ تىپىنىڭ ئۆتكۈنچى تىپىغا كىرىدۇ. باسكېلارنىڭ تىلى قايسى تىللار سىستېمىسىغا تەۋە تىل ئىكەنلىكى تېخى بېكىتىلمىدى، ئۇلار ئىسپان ياكى فرانسۇز تىللىرى ياكى باسكې تىلىدا سۆزلىشىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللىنىدۇ. باسكېلار ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. باسكېلار قەدىمدىن تارتىپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ⅩⅩ ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باسكېلار رايونى ئىسپانىيىنىڭ مۇھىم سانائەت رايونىغا ئايلىنىپ، مىللىي بۇرژۇئازىيىسى شەكىللەنگەن. ئايرىم كاپىتالىست ۋە پۇل مۇئامىلە دوكالىرى بارلىققا كېلىپ، ئىسپانىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىگە يېتىپ باردى. باسكېلار قەدىمكى ئىبېرىئانلار قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان باسكونلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى تارىخى ئىسپانىيىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. باسكېلار ھازىر ئىسپانىيىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باسكېلار روژدېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى قاتارلىق بايراملارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن يەرلىك (مەھەللىۋى) ھېيت - بايراملىرىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ. باسكېلار ئانار گۈلىنى باياشاتلىق، بەخت - تەلەينىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر