UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەردوگرالار

دوگرالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر دوگرالار <دوگرىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسى پۈتۈنلەي ھىندىستاننىڭ ھىمالايا تېغىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سايلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 3 مىليون. دوگرالار ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە راجاستان تىلى دوگرا دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. دوگرالاr ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دوگرالار ھىندىستان تۈزلەڭلىكىگە ئولتۇراقلىشىپ، تارىختا نۇرغۇنلىغان بەگلىكنى بەرپا قىلغان، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مۇنقەرز بولغان. دوگرالار مەدەنىيەت ئىشلىرى راۋاجلانمىغان، كونا ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھېلىمۇ ساقلاپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
دوگرالار | UyghurWiki | UyghurWiki