UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرپەلەستىنلىكلەر

پەلەستىنلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر پەلەستىنلىكلەر <پەلەستىن ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئاساسەن ئېئوردانىيە (162 مىڭ)، ئېئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى (1 مىليون 210 مىڭ)، ئىسرائىلىيە (532 مىڭ)، گازا رايونى ئەتراپى (478 مىڭ)، لېۋان (350 مىڭ)، سۈرىيە (235 مىڭ)، كۇۋەيىت (282 مىڭ)، سەئۇدى ئەرەبىستانى (132 مىڭ) ۋە ئامرىكا(110 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى4 مىليون 457 مىڭ، ئۇنىڭ 2 مىليون 700 مىڭى ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. پەلەستىنلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (87 پىرسەنتى) ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزىم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. پەلەستىنلىكلەر دېھقانچىلىق ۋە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى ساملارنىڭ بىر تارمىقى - خانائانلار بىلەن كېيىن بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن فلىستىئانلار بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن قەدىمكى مىللەت. پەلەستىنلىكلەر ئەمگەكچان، باتۇر ھەم ئەدەب قائىدىلىك كېلىدۇ، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆز - ئارا ئىناق ئۆتىدۇ، ئاداۋەت ساقلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بىرەر يېڭى قوشنا كۆچۈوپ كەلسە، شۇ كۈنى ئۆيىگە چاقىرىپ زىياپەت بېرىدۇ، يېڭى قوشنا بولغۇچىمۇ جاۋابەن چاقىرىپ مىننەتدارلىق زىياپىتى بېرىدۇ، پەلەستىنلىكلەر چوڭلارنى ھۈرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئاسرايدۇ. پەلەستىنلىكلەر تۇرار جاي، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغ، يىمەك - ئىچمەك، ھېيىت - ئايەم قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسەن ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر