پانگاسىنانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
پانگاسىنانلار فىلىپپىندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن لۇزون ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پانگاسىنان ئۆلكىسىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ.
پانگاسىنانلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛ جەبۇبىي ئارال تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پانگفسىنان تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى تاگال تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
پانگاسىنانلار مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە تاگاللار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
پانگاسىنانلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پانگاسىنانلار 1663 - يىللىرى ئىسپانىيە كاتولىك دىنىي جەمىئىيىتىگە قارشى ئۇزاق ۋاقىت كۈرەش قىلىپ، فىلىپپىنچە مۇستەقىل دىنىي مەزھەپ بەرپا قىلغان.
پانگاسىنانلار ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.