بانجارلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بانجارلار ھىندۇنېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <بانجارلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 1.95 پىرسەنتى ھىندونېزىيىنىڭ كالىمانتان ئارىلىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى مالايسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا (100 مىڭ) تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 630 مىڭ بولۇپ ھىندونېزىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
بانجارلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىي ئارال تىلى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بانجار تىلىنى قوللىنىدۇ، ھىندونېزىيە تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
بانجارلار ئاھالىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
بانجارلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ تەرەققىي قىلغان، دېھقانچىلىقتا شال، كاۋچوك، قارامۇچ قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ.
بانجارلارنىڭ ئەجدادلىرى مالاي ئارىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن مالايلىقلار بىلەن ياۋالىقلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ ئىككى مىللەت كىشىلىرىنىڭ نىكاھلىنىشى ئارقىلىق پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
مەدەنىيەت جەھەتتە ياۋالىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇڭا تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەتلىرى ياۋالىقلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.