UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرنورۋېگىيىلىكلەر

نورۋېگىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر نورۋېگىيىلىكلەر نورۋېگيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بەزىدە <گېرمان نورۋېگلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 3.82 پىرسەنتى نورۋېگىيىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 3 مىليون 950 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 3.97 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، كانادا، شۋېتسىيە ۋە دانىيىدىمۇ 1 مىليوندىن كۆپرەك نورۋېگىيىلىك بار. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 860 مىڭدىن كۆپرەك. نورۋېگىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك - بالتىق (شىمالىي ياۋروپا) تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نورۋېگىيە تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل شۋېد ۋە دانىيە تىللىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. نورۋېگىيىلىكلەرنىڭ 94 پىرسەنتى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم (ليوتېر) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. نورۋېگىيىلىكلەرنىڭ 20 پىرسەنتى سانائەت بىلەن (شەھەر نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)،، 10 پىرسەنتى دېڭىزچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن، 10 پىرسەنتى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نورۋېگىيىلىكلەر ئاساسەن قەدىمكى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئاساسىدا فىنلار(فىنلاندىيىلىكلەر)، لاپلار ۋە سائاملارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىش بىلەن تەخمىنەن Ⅸ - Ⅺ ئەسىرلەردە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. نورۋېگىيىلىكلەر بېلىق، مېۋە مۇرابباسى، بولكا، سۈت، ئىرىمچىك قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئاق ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. نورۋېگىيىلىكلەرنىڭ توي - تۆكۈن ئىشلىرى بىر قەدەر ئاددىي بولىدۇ، ئادەتتە يىگىت - قىزلارنىڭ تويلۇق خاتىرىسى ئۈچۈن بىر - بىرىنىڭ قولىغا خاتىرە ئۈزۈك سېلىپ قويىدۇ. نورۋېگىيىلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى چاڭغا تېيىلىش بايرىمى بولۇپ، بۇ بايرام ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئوسلودا ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۋېگىيىلىكلەر كىشىنىڭ تېرىسىنىڭ قوڭۇر بولۇشىنى گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ. نورۋېگىيىلىكلەر ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا باي مىللەت. نورۋېگىيىلىكلەر <13> سان بىلەن جۈمە كۈنىدىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەيدۇ، ئادەتتە بۇ ساننى ئېغىزغا ئالمايدۇ. نورۋېگىيىلىكلەر دەريا قۇشقىچىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنى دۆلەت قۇشى دەپ ئەتىۋارلايدۇ. نورۋېگىيىلىكلەر ئۆزئارا سۆھبەتلەشكەندە يېقىن تۇرۇۋېلىشنى، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىقنى بەك يامان كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر