ئىبىبىئولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىبىبىئولار نىگېرىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنڭ بىرى بولۇپ، 99 پىرسەنتى نىگېرىيىدە (4 مىليون) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى كامېرون، ئېكۋادور گۋىنىيىسى قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئىبىبىئولارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 5 مىليون 20 مىڭ.
ئىبىبىئولار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان بانتۇ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىبىبىئو تىلىنى قوللىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ياكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا پالما، كاكائو، شال قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، دېڭىز بويىدىكى ئاھالىلىرى بېلىقچىلىق قىلىدۇ.
ئبىبىئولار ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئىبو مىللىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ئىبو، يورۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىبىبىئولار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ.