UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمايالار

مايالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مايالار ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2500 - يىللىرى ئەتراپىدا ھازىرقى مېكسىكا، گۋاتېمالا، بېلىز، سالۋادور ۋە ھوندۇراسنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ماكانلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون، ئۇلار گۋاتېمالا نوپۇسىنىڭ 62 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، 1 مىليون 200 مىڭى مېكسىكىنىڭ يۇكاتان يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان. مايالار موڭغۇل ئىرقى ئامېرىكا تارمىقىغا كىرىدۇ؛ ئىندىئان تىللىرى سىستېمىسى مايا - كېچيا تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مايا تىلىنى قوللىنىدۇ. تارىختا ئېروگلىف ئاساسىدىكى بوغۇملۇق يېزىقنى قوللىنىپ كەلگەن. مايالار ئاساسەن ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى، يەنى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى (قۇياش، ئاي)، زېمىن ئېتىقادچىلىقى ۋە روھى ئېتىقادچىلىقى قاتارلىقلارنى ساقلاپ كەلگەن. مايالار تارىختا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆممىقوناق، كاۋا، يېسى پۇرچاق ۋە تۈگۈرچەك يىلتىزلىق زىرائەتلەرنى ۋە كۇركە توخۇ، ھەسەل ھەرىسى قاتارلىق جانىۋارلارنى يېتىشتۈرۈپ، كۆندۈرۈپ، كىشىلىك ماددىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە زور تۆھپە قوشقان. مايالار ئاساسەن كۆممىقوناق قوتۇرمىچى ياكى كۆممىقوناق ئۇمىچى، كاۋا ۋە پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئاساسلىق يېمەك، توشقان، كۈركە توخو قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى، ئىسسىق بەلباغ مېۋە - چېۋىلىرىنى قوشۇمچە يېمەك قىلىدۇ. مايالارنىڭ تۇرار - جايلىرى يۇمىلاق شەكىلدىكى كەپە بولۇپ، بۇ خىل ئۆي ماتەم تۇتۇش بايرىمى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى 1 - نويابىر قەبرىستانلىقتا ئۆتكۈزىلىدۇ. مايالار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئاغزىغا كۆممىقوناق سېلىپ تولدۇرىدۇ. مېيتنى ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نەرسە - كېرەكلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، قول ئىلكىدە بارلار كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. مايالار يېڭى يىلنى ئەڭ بەختسىز كۈن دەپ قارايدۇ، بۇ كۈننى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ مىللەتلەر شاد - خۇراملىق ئىچىدە كۈتىۋاتقان مەزگىلىدە، مايالار ئەكسىچە خوشاللىنىش ئەمەس، بەلكى تەشۋىش ئىچىدە قالىدۇ، چۈنكى مايالار بىر يىلنى 18 ئاي، بىر ئاينى 20 كۈن ھېسابلايدۇ، ئېشىپ قالغان 5 كۈننى نەس باسقان كۈن قاتارىغا قويۇپ، شۇ كۈنلىرى بەك ھەزەر ئەيلەيدۇ. مايالار پرىخون (داخان) لارنى ئالاھىدە ھۈرمەيلەيدۇ. مايالاردا پىرىخونلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئەپسۇن ئوقۇپ تەبىئەت ئانىدىن گۇناھىنى تىلەش ۋە تەبىئەت ئانىغا ئىلتىجا قىلىش، پىرىخونلار جەم بولۇپ، تاھارەت ئېلىپ، كۈجە كۆيدۈرۈش، ئەجدادلىرىنىڭ ئەرۋاھىنى چاقىرىش، قان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بار. مايالار ئىچ ئالىغاي كىشلەرنى گۈزەل دەپ قاراپ ئۇنى ھۈرمەتلەيدۇ. شۇڭا بالىلىرىنى ئىچ ئالغاي قىلىش ئۈچۈن، بۇرنىنىڭ ئۇچىغا مۇنچاق ئېسىپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سوقىچا ق ياكى ئۇچلۇق باش ئادەملەرنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. مايالاردا ئادەمنى نەزىر - چىراغ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بولۇپ، بۇ كۆپىنچە دىنىي مۇراسىم، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، ئوردا - ساراي ۋە ئەلئېھرام قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە كۆرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر