موئورلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
موئورلار غەربىي ئافرىقا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، <مورلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. موئورلار ئەسلىدە ئىسپانلار ۋە پورتۇگاللارنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى بولۇپ، ئادەتتە ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغۇچى ئەرەبلەشكەن بەربەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. موئۇرلار ئاساسەن ماۋرىتانىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، <ماۋرىتانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 1 مىليون 140 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىر قىسمى غەربىي سەھرا (150 مىڭ)، مەراكەش، مالى (100 مىڭ)، نىگېر(100 مىڭ)، سېنېگال (50 مىڭ) ۋە گامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون 660 مىڭ.
موئورلار سۇدان نېگىر تەركىبى ئارىلاشقان ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھام - سام تىللىرى سىستېمسى سام تىللىرى تارمىقىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ ھەسەن دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر فىرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
موئورلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
موئورلارنىڭ 80 پىرسەنتى چارۋىچىلىق، قوشۇمچە دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چارۋىچىلىق كالا، قوي ۋە تۆگە باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
موئورلار ئاق موئور ۋە قارا موئور دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ، ئەرەبلەر بىلەن بەربەرلەرنىڭ ئارىلاشما قېنىدىن بولغان ئەۋلادى ئاق موئور دېيىلىدۇ. ئەرەب ۋە بەربەرلەر بىلەن نېگىرلارنىڭ ئارىلاشما قېنىدىن بولغان ئەۋلادى قارا موئور دېيىلىدۇ. ئاق موئورلار 54 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، مارىتانىيە موئورلىرى ئاق موئورلار ھېسابلىنىدۇ.
موئورلار بەربەرلەر، ئەرەبلەر ۋە نېگىرلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن بولغانلارنىڭ ئەۋلادى.
موئورلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىلىداشلىق تەشكىلاتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، قەبىلىلىرى جەمەت، ئۇرۇق، قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت قاتمۇ - قات مۇئەسسىسەلەردىن تەركىب تاپقان. جەمىئىيەتتىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى، ھەربىيلەر بىلەن ئىسلام دىنى باشلىقى <مەرەبۇت> لەردىن تەركىب تاپقان. ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار قۇللار، باج - خىراج تاپشۇرغۇچىلار بولۇپ، ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى چەك - چېگرا ئېنىق ئاجرىتىلغان. گۇرۇھ ئىچىدە نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان. موئورلاردا ئىجتىمائىي بىرلىك ئەرلەرنى ئاساس قىلغان ئائىلىلەر بولۇپ، كۆپرەك چاسا كەلگەن چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ.
ياما، خورما ۋە سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئاساسلىق قاتناش قورالى تۆگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.