UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرزۇلۇلار

زۇلۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر زۇلۇلار ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغۇچى ئەڭ چوڭ نېگىر قەبىلىسىنىڭ بىرى بولۇپ، <ئامازۇلۇلار>، <زۇلۇسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 2.96 پىرسەنتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتال ئۆلكىسىدە (8 مىليون 450 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قسىمى لېسوتونىڭ شەرقىي قىسمى (150 مىڭ)، سۋازىلاندىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى (50 مىڭ) دا دا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 9 مىليون 340 مىڭ بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. زۇلۇلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى، نېگىر - كونگو تىللىرى (شەرقىي جەنۇبىي بانتۇ تىللىرى) گۇرۇپپىسغا تەۋە زۇلۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. زۇلۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. زۇلۇلار دېھقانچىلىق، چارۋىچلىق ئارىلاشما ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىندۇ، زۇلۇلارنىڭ ئەرلىرى چارۋا باقىدۇ، ئاياللىرى تېرىقچىلىق قىلىدۇ، ئاساسەن بۇغداي، قوناق ۋە پۇرچاق تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى كالا، قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. زۇلۇلار جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى ئەڭ چوڭ مىللەتلەر گۇرۇھى بولغان شەرقىي جەنۇبىي بانتۇلارنىڭ شىمالىي تارمىقىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇلار بىھاكو، بېھېلې، فىنگو، ملۇبى، زىزى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. زۇلۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادى Ⅲ - Ⅱ ئەسىرلەردە لىمپوپو دەرياسى بويلىرىدا ياشاپ، Ⅴ - ⅩⅤ ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان جايلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. زۇلۇلار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئاقساقىلى چاكانىڭ رەھبەرلىكىدە 1816 - ، 1828 - يىللىرى ھەربىي ئىتتىپاق تەشكىللەپ، ئەتراپىدىكى نىگۇنېلار قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. زۇلۇلاردا پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ جەمەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئاساسىي بىرلىك ھېسابلىنىدۇ. زۇلۇلار قوناق، تېرىق، باتات (تاتلىق ياڭيۇ)، پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق، كالا، قوي گۆشى بىلەن سۈتنى قوشۇمچە قىلىدۇ، ئادەتتە چوشقا گۆشى ۋە بېلىق يېمەيدۇ، سۈتنى خام ئىچىدۇ. زۇلۇلارنىڭ يىگىت، قىزلىرى ئالاھىدە بولغان <ئەركىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىش> ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆي - ئوچاقلىق بولىدۇ. زۇلۇلاردا يىگىت بىلەن قىزلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتكە يېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ خىل مۇراسىم كۆپ ھاللاردا خىلۋەت ئورمانلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. ۋاقتى ئۇزاق بولسا 3 ئايدىن يېرىم يىل، قىسقىلىرى بىر ھەپتە داۋام قىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇلارغا مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسى ۋە ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە دائىر جىنسىي ساۋات بېرىلىدۇ. زۇلۇلاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئۆزگىچە ئۆتكۈزىلىدۇ، توي مەرىكىسى كۈنى، قىزنى بېشىدىن ئايىغىغىچە مايلاپ پارقىرىتىدۇ، بوينىغ يىگىت تەرەپ تويلۇق ئۈچۈن بەرگەن قىزىل، يېشىل ۋە ئاق رەڭلىك ئۈنچە - مارجان ئېسىلىدۇ. يىگىت قىزنى قولىدىن يېتىلەپ بىر مەھەل قېلىن ئورمانلىقتىكى خىلۋەت جايغا ئېلىپ كېتىدۇ، نەچچە سائەتتىن كېيىن قىز بىلەن يىگىت توي مەرىكە سورۇنىغا يېتىپ كېلىپ، قىزنى توي مەرىكىسىگە قاتناشقان مېھمانلارغا بىر - بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار رەسمىي ئەر - خوتۇن ھېسابلىنىدۇ. زۇلۇلار ئادەتتە رەڭگارەڭ مۇنچاق ۋە مارجانلارنى بوينىغا ئېسىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ خىل مۇنچاق - مارجانلار مەلۇم سىمۋول خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ؛ ئۇلار ئاق مارجاننى ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي سادەقەتلىكنىڭ سىمۋولى، قىزىل مارجاننى سېغىنىشنىڭ سىمۋولى، ئاچ كۆك مارجاننى بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى، سېرىق مارجاننى گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى، قارا مارجاننى پەرىشانلىق ۋە تەلەيسىزلىكنىڭ سىمۋولى، يېشىل مارجاننى بىمارلىق ياكى غەم - قايغۇلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، دېمەك، يۇقىرقىلار زۇلۇلارنىڭ ئۆزگىچە رەڭ قارىشى بىلەن ئستېتىك قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. زۇلۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى - يېڭى يىل كۈننى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ، بىراق ئۇلار كاۋا پىشقان كۈننى يېڭى يىل دەپ ھېسابلايدۇ، شۇڭا بۇ <كاۋا يېڭى يىل كۈنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
زۇلۇلار | UyghurWiki | UyghurWiki