UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەريائولار

يائولار

دۇنيادىكى مىللەتلەر يائولار <ۋايائولار>، <ئاچۋالار>، <ئادجاۋالار>، <مۇجانولار> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 9.45 پىرسەنتى مالاۋى (750 مىڭ) دە، 72ىرسەنتى تانزانىيە (440 مىڭ)، موزامبىك (400 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 850 مىڭدىن كۆپرەك.يائولار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە يائو تىلىنى قوللىنىدۇ، سىۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ. مىللىي يېزىقى يوق.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر