UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركخمېرلار

كخمېرلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كخمېرلار كامبودژىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بەزىدە <كامبودژىلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 9.79 پىرسەنتى مىكونگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمى تۈزلەڭلىكىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 6 مىليون 500 مىڭ. كخمېرلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى مون - كخمېر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كخمېر تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى بار، كخمېرلار فرانسۇز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. كخمېرلار بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. كخمېرلارنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن شال، قارامۇچ، كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. كخمېرلار سىرتتىن كەلگەن جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي ئۇلغىيىپ، ئاخىرى ئانكور سۇلالىسى دەۋرى (Ⅸ - ⅩⅣ ئەسىر) دە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. كخمېرلار گۈرۈچنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، بېلىق، راك قاتارلىقلارنى قوشۇمچە يىمەكلىك قىلىدۇ، ئۇلار كۆكتاتلارنى خام يېيىشنى، سوغۇق سەينى ياخشى كۆرىدۇ. كخمېرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كېيىم - كېچەكلىرى نېپىز كەلگەن، رەڭگارەڭ <سارون> ۋە <گەنمەن> دىن ئىبارەت. كخمېرلار ئادەتتە يىگىت - قىزلىرىنىڭ توي مەرىكىسىنى قىز تەرەپتە ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزىدۇ. كخمېرلار مېيتنى قاغا - قۇزغۇنلارغا تاشلاپ بېرىپ يەم قىلىۋېتىش، سۇغا تاشلاپ دەپنە قىلىش، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ۋە يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن دەپنە قىلىدۇ. كخمېرلارنىڭ ئاساسلىق يېڭى يىل بايرىمى (بۇددا كېلېندارى بويىچە 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مىلادى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە) نى ئەڭ كاتتا ھەم تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. كخمېرلارنىڭ يېڭى يىلدىن باشقا يەنە سۇ ئىلاھىنى ئۇزىتىش بايرىمى، كاسايا كەيدۈرۈش بايرىمى ، ساپان بايرىمى قاتارلىق بۇددا دىنى ۋە ئىشلەپچىقىرشقا دائىر بايراملىرى بار. كخمېرلارنىڭ ئادىتى بويىچە ھەر بىر ئوغۇل ئەر ھاياتىدا بىر نۆۋەت راھىب بولۇشى شەرت (پەرھىز) قىلىنىدۇ. ئۇلار راھىب بولۇش ئالدىدا راھىبلىقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ، راھىب بولغۇچى ئاتا - ئاتا ۋە دوست - يارەنلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا بۇتخانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوركېستىر، ئارقىسىدا كاسايا، يوتقان - كۆرپە ۋە سوۋغا - سالاملارنى ئېلىپ ماڭغۇچىلار، ئەڭ كەينىدە راھىب بولغۇچى قەدىمكى زامان شاھزادىلەرچە ياسىنىپ، سول مۆرىسىگە ئاق داكىدىن كېپەنلىك تارتىۋېلىپ، ئاتقا مېنىپ ماڭىدۇ. بۇ ئۇنىڭ باقى ئالەم بىلەن خوشلاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن كامبودژانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك سېرىق كاسايا يىپىنچاقلىۋالغان راھىبلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. جەمئىيەتتە ھۈرمەتكە سازاۋەر كىشى راھىب ھېسابلىنىدۇ. كخمېرلار ئەدەپ - قائىدىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئادەتتە پادىشاھ ۋە چوڭ راھىبلارنى كۆرگەندە، تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئىككى قولىنى جۈپلەپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتىرىپ تازىم قىلىدۇ. يېمەك - ئىچمەكلەر ۋە سوۋغا - سالاملارنى سول قول بىلەن سۇنۇشنى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا سول قول بىلەن بەرگەن نەرسىلەرنى ئالمايدۇ. كخمېرلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى، مىمارچىلىق قورۇلۇش سەنئىتى، نەققاشچىلىقى، مۇزىكىسى ۋە مىللىي ئۇسسۇلى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، كخمېرلار Ⅸ ئەسىردە بەرپا قىلغان ئانكۇر، مىسىردىكى ئەل ئېھرام، جۇڭگۇدىكى سەددىچىن سېپىلى، ھىندونېزىيىدىكى بوروبۇدۇرى (مىڭ بۇت مۇنارلىرى) بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان قەدىمكى شەرقنىڭ تۆت چوڭ مۆجىزىسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كخمېرلاردنىڭ غۇرۇرى ھەم پەخرى. كخمېرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى، ئەجدەرھا شەكىللىك كېمە مۇسابىقىسى، ئات بەيگىسى، پىل بەيگىسى، چېلىشىش، چامباشچىلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كخمېرلاردا ئاق رەڭ ئۆلۈم، مۇسىبەتنىڭ سمۋولى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كىشلەر ئادەتتە ئاق رەڭلىك كېيىم - كېچەكلەرنى كېيمەيدۇ. كخمېرلارنىڭ ئادىتى بويىچە، قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، ئاتا - ئانىلىرى ئۇلارنى ئۈچ ئايدىن بىر يىلغا قەدەر ئۆيىگە سولاپ، سىرتقا چىقارمايدۇ، بۇ قىزلارنىڭ <ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشى> دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە، قىزلار ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر قانداق ئەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەيدۇ، بېلىق ۋە باشقا گۆشلۈك غىزا يېمەيدۇ، مۆھلەت ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاندىن لايىق تاللاپ ياتلىق بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ. كخمېرلاردا ئىسىم، فامىلە قوللىنىلىدۇ، فامىلە ئالدىدا، ئىسىم ئاخىرىدا كېلىدۇ. فامىلىسىگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ جەمەتىنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كخمېرلار | UyghurWiki | UyghurWiki