تېسولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تېسولار ئۇگاندادا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 85 پىرسەنتى ئۇگاندا (1 مىليون 50 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر كېنىيىدە (150 مىڭ) تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 530 مىڭدىن كۆپرەك.
تېسولار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، تېسۇلار ئەسلى نىلوتلارنىڭ جەنۇبىي تارمىقى بولۇپ، تارىختا <باتېسولار>، <كېيدلار>، <باكادېلار>، <ۋاكېدىلار> قاتارلىق خىلمۇ - خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
تېسولار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە تېسوتو تىلىنى قوللىنىدۇ.
تېسولارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
تېسولار ⅩⅧ ئەسىرگىچە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، قوشتلار، بانتۇلارنىڭ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن .