نىئامۋېزىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نىئامۋېزىلار تانزانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ۋانىئامۋېزىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسەن تانزانىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى رايونلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى شەرقىي ئافرىقىدىكى ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 300 مىڭ، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 2 مىليونى تانزانىيىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
نىئامۋېزىلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى شەرقىي بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نىئامۋېزى تىلىنى قوللىنىدۇ، سۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
نىئامۋېزىلار ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، يەنە بىر قىسمى خرىستىئان دىنى ياكى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆممىقوناق، باتات، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
نىئامۋېزىلار ئۆز ئىچىدىن گالا، گالاگانزا، ئېرۋانا ۋە نەنكىۋىلى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.