UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرموسسى - گرۇسلار

موسسى - گرۇسلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر موسسى - گرۇسلار <گرۇنىسلار>، <ۋولتلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 4.59 پىرسەنتى بوكىنافاسودا، 37 پىرسەنتى گانادا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا قىسمى كوتېدىۋا، مالى، توگو ۋە بېنىن قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار سېنۇپو (2 مىليون 50 مىڭ)، لوبى (1 مىليون 800 مىڭ)، گرۇسى (630 مىڭ)، بارغو (480 مىڭ) قاتارلىق 48 قوۋمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزئالدىغا قوللىنىدىغان تىللىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە موسسىلار ئەڭ چوڭ، نوپۇسى كۆپ (5 مىليون 400 مىڭ) مىللەت ھېسابلىنىدۇ. موسسى - گرۇسلارنىڭ ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا دانلىق زىرائەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، پۇرچاق، باتات قاتارلىقلار تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. موسسى - گرۇسلارنىڭ كۆپىنچسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى ئاجىزراق، موسسى - گرۇسلار ئىچىدە ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، ئاياللىرى سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەرلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلاردا قەبىلە باشلىقلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى كۈچلۈك. موسسى - گرۇسلاردا بىر ئەر - بىر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
موسسى - گرۇسلار | UyghurWiki | UyghurWiki