داغىستانلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
داغىستانلىقلار روسىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشىغۇچى مىللەتلەر تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئاساسەن داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلار ئاۋار (483 مىڭ)، لېزگىن (383 مىڭ)، دارگىن (287 مىڭ)، لاك (100 مىڭ)، تاباسساران (70 مىڭ) قاتارلىق 30 دەك ئاز سانلىق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
داغىستانلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان - كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ، كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسى داغىستان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە داغىستان تىلىنىڭ ئاۋار، لاك، دارگىن، لېزگىدىن ئىبارەت تۆت خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي يېزىقى بار ئىدى، ھازىر سىلاۋيان يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى روس تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ.
داغىستانلىقلار ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. بەزىلىرى ئەنئەنىۋى ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ.
داغىستانلىقلارنىڭ تۈزلەڭلىك رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرى دېھقانچلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر بىلەن ئۈزۈم، ئۆرۈك، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرىلىدۇ، تاغلىق رايونلىرىدىكىلىرى قوي، كالا، ئات باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
داغىستانلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا كاۋكاز رايونىدا ياشىغان كاسىپئان، ئالبان قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن كېيىن بۇ يەرگە كەلگەن بىر قىسىم تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىدى.
داغىستانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي جايلىرى ئاساسەن تاش كېسەك بىلەن قوپۇرۇلۇپ، تاغ ئېدىر قاپتاللىرىغا سېلىنىدۇ. كۆپ قەۋەتلىك كېلىدۇ. داغىستانلىقلارنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى تېرە ۋە يەرلىك رەختتىن تىكىلىدۇ. ئەرلىرى ئۇچىسىغا تار بەللىك كەمزۇل كېيىپ، بېلىگە پىچاق، خەنجەر ئېسىۋالىدۇ، بېشىغا قۇلاقچا، پۇتىغا ئۆتۈك ياكى پوپۇش كېيىدۇ. ئاياللىرى قەدىمكى رىم پاسونىدىكى قوش پەشلىك نىمچە كېيىپ، بېشىغا سارغۇچ (رومال) سالىدۇ، ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسالغان تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ.
داغىستانلىقلار ئېرىمچىك، قايماق، قېتىق، كاۋاپ ۋە خىلمۇ - خىل سوغۇق قورۇما سەيلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. غىزادىن كېيىن چاينى كۆپ ئىچىدۇ. داغىستانلىقلار ناخشا، قوشاق، ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. داغىستانلىقلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان گىلەم، ئالتۇن، كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە كەڭ بازار ۋە شۆھرەتكە ئىگە.